ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تالاغا قارىغان ئايالدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بالىسى بىلەن 14 قەۋەتنىڭ دېرىزىسىگە چىقىۋالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 16:41

يېقىندا 34 ياشلىق رۇسىيەلىك بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ 14-قەۋىتىگە چىقىپ تۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۆلگىلى تاس قالغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئايالىنىڭ «تالاغا قارىغىنى»دىن ئۆچ ئالماقچى بولغان. ئۇ ساقچى تەرەپ ۋە 40 ياشلىق ئايالى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بالىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن، ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالغان. ئايالىنىڭ ساقچى تەرەپكە ئېيتىپ بېرىشىچە، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان.



ئايالىنىڭ دېيىشىچە، ئېرى ئىلگىرى ئۇنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇشقا ئورۇنغان. بۇ قېتىم خوتۇنى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇرۇشۇپ قالغان ھەمدە كەينىدىنلا ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. بۇ ئەرنىڭ ساقچىلارغا دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئايالىنى دائىم ئۆزىنى ئالدايدۇ دەپ قارىغان، ھەم ئۇ ئايالىنى ئۆيگە يوشۇرۇن كامېرا ئورنىتىپ قويغان دەپ گۇمان قىلغان. ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئايالىغا تەھدىت سالىدىغان ئۇچۇرنى يوللىغان. ئۇ ئۇچۇردا «بالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىۋالىدىغانلىقى»نى ئېيتقان. ئۇ ئوغلى بىلەن بالكونغا چىقىۋالغاندا قوشنىسى بايقاپ قېلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان.



ئاخىرىدا بۇ ئەر بالىنى قويۇۋېتىشكە قوشۇلغان، ئۇ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن توختىتىلغان. ئەگەر بۇ جىنايەت بېكىتىلسە ئۇ ئون يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن: «مېنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى، مەن پەقەت ئايالىمنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغان، چۈنكى مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تالاغا قارىغان ئايالدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بالىسى بىلەن 14 قەۋەتنىڭ دېرىزىسىگە چىقىۋالدى

يېقىندا 34 ياشلىق رۇسىيەلىك بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ 14-قەۋىتىگە چىقىپ تۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۆلگىلى تاس قالغان.