ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جېف بېزوس بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان ئەڭ ئاخىرقى يولۇچى 18 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئىكەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 16:44

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس قارمىقىدىكى ئالەم بوشلۇقى شىركىتى «كۆك مەنبە» ئەڭ ئاخىرقى يولۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 18 ياشلىق ئولىۋېر دامون (Oliver Damen) ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بېزوس بىلەن بىللە «يېڭى شېپارد» ناملىق راكېتاغا ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دامون «كۆك مەنبە»نىڭ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا چىقىدىغان ئەڭ ياش يولۇچى بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ئايدىكى ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا 28 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىپ، «يېڭى شېپارد» (New Shepard) ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەن.

شۇنداق قىلىپ، دامون ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياش ئادەم بولۇپ قالغان، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياش ۋە ئەڭ ياشانغان ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىپە پولۇپ قالغان. بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا «كۆك مەنبە»نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 82 ياشلىق ئايال ئۇچقۇچى ۋولى فىنكنىڭ بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىدىكى ئۈچىنچى يولۇچى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، «كۆك مەنبە» ئۇنىڭ «يېڭى شېپارد» ناملىق ئالەم بوشلۇقى ساياھەت راكېتاسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ۋاقتى كەلگەندە، بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس، بېزوسنىڭ ئىنىسى مارك بېزوس، ئولىۋېر دامون ۋە ۋولى فىنكلار «يېڭى شېپارد» ناملىق راكېتاغا ئولتۇرۇپ تېكساس ئىشتاتىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، 10 مىنۇتلۇق ئالەم سەپىرىنى باشلايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有