ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتالىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-02 17:11

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 7-ئايدا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 2020-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. ئىتالىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى 6-ئايدىكى %9.4تىن %9.3كە تۆۋەنلىگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 23 مىڭ ئازايغان، ئىشسىزلار سانى 29 مىڭ ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ سانى 28 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يەنىلا 2020-يىلى 2-ئايدا يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 260 مىڭدىن كۆپرەك ئازايغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيە ياۋرو رايونىدىكى 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل 2-پەسىلدە ئىقتىسادى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪2.7 ئاشقان.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا ئىتالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلايدىكەن، ئەمما ئۇلار ئىتالىيەنىڭ بۇ يىل يازدا يۇقۇمدىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش فوندىنىڭ ھەممىسى شۇ جاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئىتالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك ھالەتنى ساقلايدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىتالىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 7-ئايدا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 2020-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن.