ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىڭخۇا داشۆسى بۇ يىل قوبۇل قىلغان يېشى ئەڭ كىچىك ئوقۇغۇچى 14 ياش

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-02 17:12

چىڭخۇا داشۆسى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 2021-يىللىق تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان 3800دىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى ئاران 14 ياش بولۇپ، چيۇ چېڭتۇڭ ماتېماتىكا باشلامچى پىلانى ئارقىلىق قوبۇل قىلىندى، بۇ پىلان بۇ يىل تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى، مەملىكەت بويىچە تالانتى بار، ماتېماتىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان 69 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بۇ ئوقۇغۇچىلار 3+2+3لىك دوكتۇرلۇققىچە بولغان تەربىيەلەش ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.

3800دىن ئارتۇق تولۇق كۇرستىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تەخمىنەن 3500 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ۋە مەخسۇس تۈر پىلانى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغانلار تەخمىنەن %21نى ئىگىلىدى. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز ئوغۇل نىسبىتى 1:2دىن ئېشىپ كەتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر %11نى ئىگىلىدى. بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۈچ جۈپ قوشكېزەك بار، ئۇلار تيەنجىن، لياۋنىڭ ۋە سىچۈەندىن كەلگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بەش چوڭ پەن مۇسابىقىسىدە مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغانلار كېلىشىۋالغاندەكلا چىڭخۇا داشۆسىنى تاللىدى. يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ئەترىتى تاللىغاندىن كېيىن، بۇ يىل دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتناشقان 23 ئەزانىڭ 12سى چىڭخۇا داشۆسىگە ئەۋەتىلىپ، خەلقئارا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مەسىلەن نىڭبو جېنخەي ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن يۈ خاۋشياڭ ماتېماتىكا، ئۇچۇرشۇناسلىق دۆلەت يىغىپ مەشىق قىلىش كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئۇچۇرشۇناسلىق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە خەلقئارا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

بۇ يىل دۆلەتنىڭ ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى. چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى بىلىم يۇرتى تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەش، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى بويىچە قوش باكلاۋېرلىق قاتارلىق لايىھەلەرگە تايىنىپ 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى، ئاساسىي ئىقتىدار سىنىقى، ئۇنىۋېرسال ساپا سىنىقى ۋە بەدەن سۈپىتى سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىڭخۇا داشۆسى بۇ يىل قوبۇل قىلغان يېشى ئەڭ كىچىك ئوقۇغۇچى 14 ياش

چىڭخۇا داشۆسى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 2021-يىللىق تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان 3800دىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى،