ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ماسكنىڭ پېيى ئىزچىل تۆۋەنلىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-06 09:29

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، SpaceX شىركىتى يېقىندا تاپشۇرغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىل 8-ئايغىچە، ئېلون ماسك ئىلكىدىكى پاي چېكى شىركەت پاي چېكىنىڭ تارقىتىلغان پاي چېكى سوممىسىنىڭ %43.16نى ئىگىلىگەن، بۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ھۆججەتتە يەنە مەزكۇر شىركەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھىنى يېڭىلاش پىلانى تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرمۇ بار.

2020-يىلى 4-ئايدىكى ئاشكارا ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ماسكتا SpaceX شىركىتىنىڭ %47.4لىك ئوبوروت پېيى بار بولۇپ، بۇ پاي چېكى «ئېلون ماسك ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ» دېگەن شەكىلدە مەۋجۇت ئىكەن. ماسكنىڭ پاي چېكى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىگە بولغان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى %77.97 كە يەتكەن، يەنىلا SpaceX شىركىتىنى مۇتلەق كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى 11-ئايدا ماسكنىڭ ئىلكىدىكى ئوبوروت پېيى %50تىن ئاشقان، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاران %1 تۆۋەنلىگەن. SpaceX شىركىتىنىڭ بۈركۈت 9-نومۇرلۇق راكېتاسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە يىغىۋېلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن. 2020-يىلى 8-ئايدىكى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن كېيىن، بۇ شىركەت بۇ يىل 4-ئايغىچە يەنە 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توپلىغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ماسكنىڭ پېيى ئىزچىل تۆۋەنلىدى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، SpaceX شىركىتى يېقىندا تاپشۇرغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىل 8-ئايغىچە، ئېلون ماسك ئىلكىدىكى پاي چېكى شىركەت پاي چېكىنىڭ تارقىتىلغان پاي چېكى سوممىسىنىڭ %43.16نى ئىگىلىگەن،