ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

50 ياشتىن ئاشقان بەزى ئەرلەرنىڭ قېشىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىكى سەۋەبى نېمە؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-06 16:52

ئادەمنىڭ قېشى قانچە ئۇزۇن بولسا ئۆمۈرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بەزى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، لېكىن ئېرىشىدىغان ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك، تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ئەسلىدىنلا كىشىلىك ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى، پەقەت قاشنىڭ ئۆسۈشىگە ئوخشاش بۇنداق فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە قاراپ ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ھۆكۈم قىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.

ئىلگىرى بەزى ئالىملار بۇ توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن 300 نەچچە ياشانغان كىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققاندىن كىيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت توققۇز ئادەمدىلا قاش ئۆسۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇزۇن قاش بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.



ئۇنداقتا قاشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنى نېمە سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. ياش ئامىلى. قاشنىڭ ئۆزگىرىشى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قاش بەدەن تۈكىنىڭ بىر قىسمىغا تەۋە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى تۈك ھەر كۈنى بىر خىل ماددا ئالمىشىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ چاغدا قاش ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ، يېڭى قاش ئۆسۈپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ياشلارنىڭ قېشى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ، ئۆسۈپ تۇرىدۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدا بەلگىلىك چېكىنىش يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، قاشنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئاستىلاپ، پەقەت ئۇزىراپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت قاشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن تۇرمۇشتا دائىم ھورمۇن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر يېتىپ، قاش بارغانسېرى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

2. ئىرسىيەت ئامىلى. ئەمەلىيەتتە قاش بەزىدە چاچقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا بەلگىلىك ئىرسىيەت خاھىشى بولىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشى ھەم توم، ھەم قويۇق بولسا، ئۆزىنىڭ قېشىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش توم ھەم قارا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بەزىلەرنىڭ قېشىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى بەلكىم ئىرسىيەت سەۋەبىدىن بۇلىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

50 ياشتىن ئاشقان بەزى ئەرلەرنىڭ قېشىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىكى سەۋەبى نېمە؟

ئادەمنىڭ قېشى قانچە ئۇزۇن بولسا ئۆمۈرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟