ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇرمۇش ماڭا مۇنۇلارنى دېدى...

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:54

تۇرمۇش ماڭا مۇنۇلارنى دېدى:

-ھەرقانچە ھېرىپ كەتسەڭمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنما، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ باشقىلارغا يېلىنما. ئاغرىنىش، كەيپىياتىڭنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يېلىنىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت-ئابرويىڭنى يوقىتىدۇ.

تۇرمۇش ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

-تىرىشساڭ ھەممە ئىشلارنى ئىلگىرىلەيسەن، ھۇرۇنلۇق قىلساڭ بارغانسېرى نامرات بولۇپ كېتىسەن. باي بولۇشنى ئويلىساڭ بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلىشىڭ كېرەك. بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن، تەۋرەنمەس ئىرادە بولۇشى كېرەك.

تۇرمۇش ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

-ئىنساننىڭ كۆڭلى مۇرەككەپ، شۇڭا بەزى ئىشلارغا ئالدىن تەييارلىق قىلىشىڭ، رېئاللىققا يۈزلىنىشىڭ كېرەك. بەزى ئىشلاردا سەل ئېھتىيات قىلمىساڭ، يارىلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ. ياش ۋاقتىڭدا تىرىشمىساڭ قېرىغاندا چوقۇم ياش تۆكىسەن.


تۇرمۇش ماڭا مۇنداق دېدى:

-بەك كۆپ تامايىڭ بولمىسۇن، ساغلام بەدەن ھەممە نەرسىنىڭ كاپالىتى. يانچۇقۇڭدا نېمە كەم بولسا بولسۇنكى پۇل كەم بولمىسۇن، يېتەرلىك پۇل بولغاندىلا ئاندىن كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايسەن، شۇڭا، ئۆزۈڭنى قەدىرلە، ھەر ۋاقىت تىرىشىپ پۇل تاپ.

تۇرمۇش ماڭا ئاچچىق بىرنى كۈلۈپ مۇنداق دېدى:

-بەزى ئىشلارنى قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە قويۇپ بەر، بەزى كىشىلەر ئۇنتۇپ كېتىشكە توغرا كەلسە ئۇنتۇپ كەت. ۋاز كېچىش بىر خىل رەھمەت تۇيغۇ، ئۇنتۇش، بىر خىل خاتىرجەملىك، باشقىلارنىڭ ئەرزىمەس ئەرزىمەس كۆڭلىنى دەپ ئۆز قەدىر-قىممىتىڭنى يوقاتما.

تۇرمۇش ماڭا مۇنداق دېدى:

-ئادەم ھاياتىدا ھەممە ئىشلارنى ئۇنچە بەك كۆپ ئويلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھاياتنىڭ پەيزى ئەگرى-توقايلىقتا، ئەنە شۇ ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتكىنىڭدە، ئاندىن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇپ ئىش ئۇقىدىغان، بەزى ئىشلاردىن بىھۇدە ئەندىشە قىلىپ، بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ، غەمكىن يۈرمەيدىغان خۇشال ئادەم بولالايسەن.


تۇرمۇش ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

-ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئىگە بولغاندا ئوبدان قەدىرلە، ئايرىلىپ قالغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت تىلە! ئادەم بۇ ئۆمرىدە، چارچاش ۋە جاپا تارتىشتىن باش تارتىپ بولالمايدۇ. ھېرىپ چارچىمىساڭ مول ھوسۇل ئالالمايسەن، جاپا تارتمىساڭ، بەختنى ھېس قىلالمايسەن. بىز ھەممىگە مىننەتدار بولۇشىمىز لازىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇرمۇش ماڭا مۇنۇلارنى دېدى...

-ھەرقانچە ھېرىپ كەتسەڭمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنما، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ باشقىلارغا يېلىنما. ئاغرىنىش، كەيپىياتىڭنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يېلىنىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت-ئابرويىڭنى يوقىتىدۇ.