ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 08:56

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرېمىل سارىيى سەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېگەن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، سەۋەبى ئۇنىڭ يېنىدىكىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان. شۇڭا، پۇتىن بۇ ھەپتە تاجىكىستانغا بېرىپ رايون خەۋپسىزلىكى يىغىنىغا قاتناشمايدۇ

كىرېمل سارىيىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راھمانغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇش تۈزۈمى سەۋەبلىك يولغا چىقالمايدىغانلىقى، يىغىنغا ۋىدېيولۇق قاتنىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

كىرېمل سارىيى بۇ تېلېفون توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «پۇتىن يېنىمدىكىلەر ئىچىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆرۈلدى، مەن چوقۇم بىر مەزگىل ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشىم كېرەك.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە پۇتىن بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، «سۈنئىي ھەمراھ V» يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئىككى قېتىم ئەملەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە «موسكۋا ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتى بىلەن ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ يىغما خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرېمل سارىيىنىڭ باياناتچىسى پېسكوف مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: پۇتىننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي، ئۇ «مۇتلەق ساغلام». پېسكوف يەنە مۇنداق دېگەن: پۇتىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، چۈنكى ئۇ «بىرقانچە» يۇقۇملانغۇچى ئىچىدىكى بىرەيلەن بىلەن ئۇچراشقان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ

كىرېمل سارىيىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راھمانغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇش تۈزۈمى سەۋەبلىك يولغا چىقالمايدىغانلىقى، يىغىنغا ۋىدېيولۇق قاتنىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.