ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دەۋر»نىڭ بۇ يىللىق 100 چوڭ ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەردىكى تېخنىكا شەخسلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:38

ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 2021-يىللىق دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 100 شەخس تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئالما شىركىتىنىڭ CEOسى تىم كۇك، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك، NVIDIA شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خۇاڭ رېنشۈن (Jensen Huang) تىزىملىككە كىردى.

«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق تىزىملىكى ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، دەۋر ئوبرازى (ICONS)، ئاۋانگارت (PIONEERS)، كەسىپ تىتانى (TITANS)، سەنئەتكار (ARTISTS)، داھىي (LADERS)، يېڭىلىق ياراتقۇچى (INOVATORS) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تىم كۇك «كەسپ تىتانى» تىزىملىكىگە كىردى. نايك شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى فىل نايت (Phil Knight) نامزاتلىققا كۆرسىتىش سۆزىدە «ئىرادە»، «ئىچ ئاغرىتىش»، «جاسارەت» دېگەن سۆزلەر بىلەن تىم كۇكنى سۈپەتلىگەن. فىل نايتنىڭ ئېيتىشىچە، تىم كۇك ئالما شىركىتىگە رەھبەرلىك قىلغان 10 يىلدا ئالمىنىڭ پاي باھاسى %1000 ئۆسۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار شىركەت بولۇپ قالغان.

ئېلون ماسك ۋە خۇاڭ رېنشۈن «يېڭىلىق ياراتقۇچىلار» تىزىملىكىگە كىرگەن. «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ئارىياننا خاففىڭتون (Arianna Huffington) نامزاتلىققا كۆرسىتىش سۆزىدە: ئېلون ماسك ئۆمۈر بويى زېھنىي كۈچىنى چەك ۋە چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاشقا سەرپ قىلىپ، ئىنسانلارنى يېتەكلەپ ئىلگىرىلىدى، دەپ يازغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有