ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سامسۇڭنىڭ رەھبىرى لى جائېيوڭ قايتىدىن كورېيەدىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-22 16:54

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي باشلىقى لى جائېيوڭ Kakaoنىڭ قۇرغۇچىسى برېيىن كىم (Brian Kim)دىن ئېشىپ، قايتىدىن كورىيەدىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان.

بىلۇمبېرگ مىلياردېر كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، لى جائېيوڭ نۆۋەتتە 11 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك بايلار ئىچىدە 207-ئورۇندا تۇرغان، برېيىن كىم بولسا 10 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 224-ئورۇندا تۇرغان.

Kakaoنىڭ پاي باھاسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا شىددەتلىك ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، برېيىن كىمنىڭ بايلىقى بىر مەھەل ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى. بۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن پەن-تېخنىكا كارخانىچىلىرىنىڭ كورېيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق مالىيە ماگناتلىرى جەمەتىدىن قانداق ھالقىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر مىسالى.

لېكىن يېقىندىن بۇيان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، Kakao ۋە بەزى پېيى بازارغا سېلىنغان بالا شىركەتلەرنىڭ پاي باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كەتتى. 9-ئاينىڭ بېشىدا، كورېيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى Kakao قاتارلىق ئىنتېرنېت ماگناتلىرى قارىغۇلارچە پايدا قوغلاشماسلىقنى، بازاردىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىقىنى، بايلىق قوغلىشىش جەريانىدا ئادىل رىقابەتكە سەل قارىماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، كورېيە ئادىل سودا كومىتېتى برېيىن كىمنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ، چۈنكى ئۇ «ئۆتكەن بەش يىلدا، ئۆزىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتى KCube Holdingsغا قارىتا زۆرۈر ئۇچۇرلارنى يوشۇرغان ياكى ساختا خەۋەر بەرگەن» دەپ گۇمان قىلىنغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سامسۇڭنىڭ رەھبىرى لى جائېيوڭ قايتىدىن كورېيەدىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي باشلىقى لى جائېيوڭ Kakaoنىڭ قۇرغۇچىسى برېيىن كىم (Brian Kim)دىن ئېشىپ، قايتىدىن كورىيەدىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان.