ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن: رۇسىيە ئىقتىسادى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-22 16:57

تاراتقۇلانىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى نەچچە ئېيىدا، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتتى».

پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە رۇسىيە سانائىتى %4.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق كەسپى %5.6 ئاشتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بولسا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. رۇسىيە ھازىر مۇقىم بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بارلىق تارماقلار ۋە فېدېراتسىيە سۇبيېكتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قاپلىشى كېرەك».

رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %3.8تىن %4.2كە ئۆستۈرلگەنلىكنى ئېيتقان، شۇنداقلا كېلەر يىللىق ئىقتىسادنىڭ %3 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有