ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېركىل پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تەمىناتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:10

تاراتقۇلارنىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى نەچچە يۈز فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدىكەن، بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئەڭ كۆپ قىسمى پارلامېنت ئەزالىرى ياردەم پۇلى بولۇپ، خۇددى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا ئوخشايدۇ، ھەر ئايلىق سوممىسى تەخمىنەن 10 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 75 مىڭ يۈەن). ئۇنىڭدىن قالسا بىر قېتىملىق باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان خىراجەت ياردەم پۇلى بولۇپ، بېرلىن فېدراتسىيە پارلامېنتى ۋە ئۆزىنىڭ سايلام رايونىدىكى ئىشخانا خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بېرلىندىكى ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىش خىراجىتى، ھەر ئايدا تەخمىنەن 4500 ياۋرو (تەخمىنەن 34 مىڭ يۈەن). بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئايدا نەچچە مىڭ ياۋروغا يېتىدىغان قاتناش خىراجىتى، ئىشخانا ماتېرىياللىرى خىراجىتى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىككىنچى كەسپى بار، مەسىلەن، ئادۋوكاتلىق قاتارلىقلار، يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 7 مىليون 570 مىڭ يۈەن)دىن ئاشىدۇ.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئىلگىرى فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى بولغان 30 نەچچە يىل ئىچىدە ھەر ئايدا 10 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن، زۇڭلى بولغاندىن كېيىن ئايلىق مائاشى 25 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 189 مىڭ يۈەن)غا ئۆرلىگەن. ۋەزىپىدىن بوشىغاندىن كېيىن، مېركىل داۋاملىق ئۈچ ئايلىق مائاشقا ئېرىشىدۇ، ئاندىن ئۆتكۈنچى ياردەم پۇلىنى (ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكىنىڭ يېرىمى) 21 ئاي ئالىدۇ، كېيىن ھەر ئايدا 15 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 113 مىڭ يۈەن)لۇق پېنسىيە پۇلىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ھۆكۈمەت مەخسۇس ئاپتوموبىلى، ئىشخانا مۇدىرى، ئىككى كاتىپى ۋە بىر يازغۇچى بار مەخسۇس ئىشخانىغا ئېرىشەلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېركىل پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تەمىناتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

تاراتقۇلارنىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى نەچچە يۈز فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدىكەن، بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ.