ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غالجىر ئىت 10 ياشلىق بالىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-16 09:12

ئەنگلىيە «كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ۋېلىستىكى (英国南威尔士) 10 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا مەكتەپتىن قايتىپ دوستىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كېتىۋاتقاندا بىر غالجىر ئىت چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان.

بۇ ۋەقە دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۆيى مەكتەپنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئۆيىگە پىيادە قايتقان، تىراگېدىيە دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.

بالىلارنىڭ چىرقىرىغان، ۋارقىرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان ئاھالىلەر ساقچىغا دەرھال مەلۇم قىلغان. خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ساقچىلار «قاتىل ئىت»نى تاپالمىغان. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىچىك بالىغا ھۇجۇم قىلغىنى بىر «بۇقا سوقۇشتۇرغۇچى ئىت» ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، ساقچىلار كۆرگۈچىلەرنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى ئارقىلىق ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «قاتىل ئىت» ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى يېقىن ئەتراپتىكى تاللا بازىرىدا بىر خېرىدارنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان ئىكەن.

تاللا بازىرىدا ئىشلەۋاتقان تارجىت ساندېخۇنىڭ (Tarjit Sandhu) ئېيتىشىچە: بۇ «قاتىل ئىت» يېقىندا مۇشۇ مەھەللىدە پەيدا بولۇپ قالغان، بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى بۇ ئىتنىڭ ئىگىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ۋاقتىنچە تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باغلاپ قويغان. ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداق تىراگېدىيە يۈز بەرگەن.

مۇخبىرلار ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىتنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئىتنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىغا ئېتىلغانلىقىنى ئېيتتى. پۈتۈن مەھەللە بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتتى، ھەمدە مۇشۇنداق پاجىئەنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى. ئاھالىلەر ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ھالدا:«نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئىتنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باقىدۇ؟ باققان ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ؟» دېيىشتى.

چۈنكى «بۇقا سوقۇشتۇرغۇچى ئىت»نىڭ بەدىنى بەك چوڭ بولۇپ، ئەرمەك ھايۋان قىلىشقا ماس كەلمەيدىكەن. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى بۇ ئىتنىڭ ئىگىسى ئۇنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىگىسىنى ۋاسىتىلىك ھالدا تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ.

مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشمىدى.

ئادەتتە ئىتنىڭ ئادەم چىشلىۋېلىشى تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان نورمال ئەھۋال، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا مەيلى ئەرمەك ھايۋان بولسۇن ياكى كوچىدىكى لالما ئىتلار بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بۇ ئىتلارنىڭ چىشلەپ يارىلاندۇرىشىدىن ساقلىنىشىنى، بالىلىرىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ چوڭ تىپتىكى ئىتلارنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ بېقىشقا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشىنى، مۇشۇنداق تېراگىدىيەلەرنىڭ قايتىدىن تەكرارلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غالجىر ئىت 10 ياشلىق بالىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ۋېلىستىكى (英国南威尔士) 10 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا مەكتەپتىن قايتىپ دوستىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كېتىۋاتقاندا بىر غالجىر ئىت چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان.