ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىسا تۇرغۇڭىز كەلمەمدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 10:48

بەلكىم كۆپىنچىمىزنىڭ قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىغان زامان تۇرغۇمىز كەلمەيدىغۇ دەيمەن، بۇ چاغدا ئادەم ئېزىلىپ، يەنە بىردەم يېتىۋالغۇسى كېلىپ، قوڭغۇراقلىق سائەت بىلەن يوتقان ئارىسىدا كەسكىن جەڭلەر بولۇپ كېتىدۇ، بەلكىم ئەتىگەندە يوتقاندىنمۇ ئېغىر، ئۇيقۇدىنمۇ تاتلىق نەرسە بولمىسا كېرەك. ئەمما بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئادەت كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. دېيىلىشىچە، بەزىلەر قوڭغۇراقلىق سائەت بىر جىرىڭلىشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرالايدىكەن، يەنە بەزىلەر ھەقىقىي ئويغىنىش ئۈچۈن قوڭغۇراقلىق سائىتى نەچچە قېتىم سايرىمىغۇچە تۇرمايدىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى ئەھۋالدا يۈرەكنىڭ رىتىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىدىكەن، يۈرەك ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى رىتىمىدا بولغاندا دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قوڭغۇراقلىق سائەتنى بىرلا تەڭشىگەن ئادەمنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توققۇز مىنۇت بولىدىكەن، قوڭغۇراقلىق سائەتنى نەچچە تەڭشىگەن ئادەمنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى يېرىم سائەت بولىدىكەن. بۇ خىل ئۇخلاش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساغلاملىق خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى، دوكتور نېيل سىتانلى مۇنداق دېگەن: «ئويغىنىپ يەنە ئۇخلىغاندىن كۆرە، ۋاقچىراق ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىز تۈزۈك. بەدىنىڭىز قوڭغۇراقلىق سائەتتە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتكەندىن كۆرە، مۇقىم، ئۈزۈلمەي ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق بولمىغاندا يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ، ھورمۇن سەۋىيەسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇنجى قېتىم ئويغانغاندىن كېيىن، قايتىدىن قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىشى ناتايىن.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىسا تۇرغۇڭىز كەلمەمدۇ؟

بەلكىم كۆپىنچىمىزنىڭ قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىغان زامان تۇرغۇمىز كەلمەيدىغۇ دەيمەن، بۇ چاغدا ئادەم ئېزىلىپ، يەنە بىردەم يېتىۋالغۇسى كېلىپ، قوڭغۇراقلىق سائەت بىلەن يوتقان ئارىسىدا كەسكىن جەڭلەر بولۇپ كېتىدۇ،