ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا ھازىر يېزىلاردا كىرپە كۆرگىلى بولمايدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-10 09:12

كىرپە (刺猬) كىرپە كەنجى ئائىلىسى كىرپە تۈرىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدە قاتتىق ھەم ئۆتكۈر تىكىنى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكىنىنىڭ مەلۇم مىقداردا زەھىرى بولغاچقا كۈشەندىلىرى ئاسانلىقچە تۇتالمايدۇ. كىرپە كىشىلەرنىڭ يېقىن دوستى بولۇپلا قالماي يەنە ھاشارات تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، بىر كېچىدىلا 200 نەچچە تال كىچىك قۇرتنى تۇتۇپ ئاشلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۈچۈن زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقاچقا پايدىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.

كىرپە ئاساسلىقى چۈمۈلە، ئاق قۇرت، ئۆمۈچۈك، قۇرت تۇخۇمى، قۇش تۇخۇمى، كىچىك تىپتىكى يىلان، پاقا، كىچىك كەسلەنچۈك ۋە ھەرخىل قۇرت تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، كۈشەندىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرپىنىڭ ئومۇمىي سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى. شۇڭا ھازىر يېزا-كەنتلەردىكى نۇرغۇن رايونلاردا كىرپىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.


بىرىنچىدىن، جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ يامانلىشىشى كىرپىنىڭ سانىنى تەدرىجىي ئازلىتىۋەتكەن. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ناچار ھاۋارايى كىرپىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئېغىر زىيان يەتكەن، قاتتىق سوغۇق، كەلكۈن ئاپىتى، قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق ناچار تەبىئىي مۇھىتنىڭ زىيىنى تۈپەيلىدىن كىرپە يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالمىغان، يېزا-قىشلاقلاردىكى بەزى كىشىلەر قەھرىتان سوغۇق، كەلكۈن ئاپىتى، قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن دالىلاردا ئۆلۈپ قالغان نۇرغۇن كىرپىلەرنى بايقىغان.


ئىككىنچىدىن، كىرپىنىڭ كۈشەندىلىرى كۆپىيىپ كەتكەن. كىرپىنىڭ كۈشەندىلىرى بەك ئاز بولۇپ بۇلغۇن، مۈشۈكياپىلاق، بۈركۈت، قۇندۇز قاتارلىقلار ھالقىلىق كۈشەندىلەردۇر. ھازىرقى باسقۇچتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى قوغدالغاچقا بۈركۈت بىلەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئومۇمىي سانى ئېشىپ كىرپىنىڭ ئومۇمىي سانى زور دەرىجىدە ئازلىغان. بۈركۈت بىلەن مۈشۈكياپىلاق نۇرغۇن ھايۋانلار تۇتالمايدىغان كىرپىنى ئاسانلا تەتۈر قىلىپ تۇتىۋالىدۇ، كىرپە كېچىدە يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، مۈشۈكياپىلاقمۇ كىچىدە يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىرپە مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئوزۇقى بولۇپ كەتكەن.


ئۈچىنچىدىن، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىشمۇ كىرپىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىرپە ئادەتتە كەچلىرى ئېتىز، كۆكتاتزارلىق، باغچا قاتارلىق جايلارغا كىرىپ زىيانداش ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ، بۈگۈنكى كۈندە يېزا ئىگىلىكىدە زىرائەت مايسىلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقاچقا، كىرپە دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن قۇرتلارنى يېگەندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان، گەرچە بەزىدە ئۇلار زەھەرلەنگەن قۇرتلارنى يېمىسىمۇ، لېكىن ئاشۇ دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان زىرائەتلەرنىڭ يېنىدىن مېڭىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئوخشاشلا زەھەرلەنگەن.

كىرپە ئادەتتە كېچىدە ھەركەت قىلىدىغان ئىچ مىجەزلىك، جىمجىتلىقنى خالايدىغان ھايۋان بولۇپ كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانىمۇ ئاز بولغاچقا يېزا-قىشلاقلاردا كىرپىنى ناھايىتى ئاز كۆرگىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا ھازىر يېزىلاردا كىرپە كۆرگىلى بولمايدۇ؟

كىرپە ئاساسلىقى چۈمۈلە، ئاق قۇرت، ئۆمۈچۈك، قۇرت تۇخۇمى، قۇش تۇخۇمى، كىچىك تىپتىكى يىلان، پاقا، كىچىك كەسلەنچۈك ۋە ھەرخىل قۇرت تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ.