ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىمۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-10 09:16

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 236 مىڭ ئادەم سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئەلۋەتتە، ئىنسانلار بىردىنبىر سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدىغان جانلىق ئەمەس، ئىت، يىلان، قۇش ۋە باشقا ھايۋانلارمۇ سۇدا قاپسىلىپ قېلىپ، قېچىپ كېتەلمىگەندە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بېلىقلار ۋە باشقا دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىمۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالامدۇ؟ سۇدا ياشايدىغان جانلىقلار تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالامدۇ؟


دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ئوكسىگېنغا موھتاج، ئۇلار پەقەت ئېرىگەن ئوكسىگېنغا تايىنىپ ياشايدۇ، بىز ھاۋادىن ئوكسىگېنغا ئېرىشىمىز.

سۇ بېلىق ساقىقىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە كۆپ ساندىكى بېلىقلار نەپەسلىنىشكە موھتاج بولىدۇ، لېكىن ئەگەر بېلىق ساقىقى زەخىملەنسە ياكى سۇ بېلىق ساقىقىدىن ئۆتەلمىسە، بېلىق تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلار سۇدا تۇنجۇقۇپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار سۇ سۈمۈرۈپ بەدەن بوشلۇقىغا كىرمەيدۇ، ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

مەسىلەن، بەزى بېلىق قارمىقى قاتارلىق بېلىق تۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بېلىق ساقىقىنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرىدۇ، كېسەللىكمۇ بېلىق ساقىقىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، ئاساسلىقى بەزى باكتېرىيە ۋىرۇسلىرى بېلىق ساقىقىغا يېپىشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سۇدىكى ئوكسىگېننى سۈزۈۋېلىشىنى توسۇشى ياكى بېلىق ساقىقىنىڭ ئىقتىدارىنى خىزمەت قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈشى مۇمكىن، بۇ بىزنىڭ ئېغىر نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغىنىمىزغا ئوخشاش، نەپەسلىنىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.

گەرچە بەزى بېلىقلار ئارام ئالغاندا ساقىقى ئارقىلىق سۇ سۈمۈرەلىسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى بېلىقلار چوقۇم توختىماي ئۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا بېلىق ساقىقى تېخىمۇ كۆپ سۇ بىلەن ئۇچرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېننى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر بېلىقلار قاپسىلىپ قالسا، مەسىلەن، بېلىق تورى ئىچىدە قاپسىلىپ قالسا، ئۇلار تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاكۇلا بېلىق پالاقچىسىنى توختىماي مىدىرلىتىپ، سۇدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، بەزى بېلىقچىلار لەھەڭنى تۇتۇپ، پالاقچىسىنى رەھىمسىزلەرچە كېسىۋېلىپ يېمەكلىك قىلىدۇ، مەسىلەن: لەھەڭ پالاقچىسى شورپىسى، ئاندىن لەھەڭنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ، لەھەڭنىڭ گۆشى ناچارراق بولغاچقا، ئۇنى يەيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز، ئىقتىسادىي قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئاكۇلانى ئوۋلاش ۋە بېلىق پالاقچىسىنى كېسىش بىر خىل قانۇنسىز ھەرىكەت، بۇ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ئاكۇلا تۈر توپىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى جەريانى ئىنتايىن رەھىمسىز، بېلىق پالاقچىسى كېسىۋېتىلگەن ئاكۇلانى دېڭىزغا تاشلىغاندا، ئۇلار نورمال ھەرىكەت قىلالمايدۇ، شۇڭا ناھايىتى تېزلا ئوۋلانغۇچىلار يېۋىتىدۇ ياكى ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ ياكى تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.

باشقا بەزى دېڭىز ھايۋانلىرى، مەسىلەن: دېڭىز تاشپاقىسى، دېلفىن قاتارلىقلارنىڭ ئوكسېگىنغا ئېرىشىش ئۇسۇلى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى ھاۋادىن نەپەسلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار پەقەت سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقالايدۇ، بېلىق تۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بولسا ئۇلارنى سۇ ئاستىغا تارتىپ، ئۇلارنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىپ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشىنى توسىدۇ.

لەيلەپ يۈرگەن تىكەنلىك تور ياكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن چوڭ تىپتىكى بېلىق تورى ھەرگىزمۇ ئالاھىدە تۈردىكى بېلىقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئەمەس، ئۇلار زور مىقداردىكى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى، بۇ بېلىق تورىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق، ئۇ سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن ھەرقانداق جانلىقلارنى تۇتالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بېلىق تۈرلىرى، دېڭىز تاشپاقىسى ۋە دېڭىز-ئوكيان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلىرى بار، باشقا تۈردىكى بېلىق تۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ئارغامچا ئورنىتىلغان بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى (مەسىلەن، كىت)نى باغلاپ، ئۇلارنىڭ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىشىنى توسىدۇ.

دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ زادى قانچىلىك تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ناھايىتى تەس، لېكىن خەلقئارا كىت ئوۋلاش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كىت، دېلفىن ۋە چاشقان دېلفىنلىرىنىڭ ھەر يىلى تور چىرمىۋېلىپ ئۆلگەن سانى 300 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

بەزىدە دېڭىز-ئوكيان رايونىدا بۇ يەردە ياشايدىغان جانلىقلارنى قوللايدىغان يېتەرلىك ئوكسىگېن بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭدىكى بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن نۇرغۇن لەيلىمە جانلىقلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور مىقداردا كۆپىيىدۇ، لەيلىمە جانلىقلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇدىكى ئوكسىگېننى خورىتىپ، بۇ رايوندىكى بېلىقلارنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېڭىز-ئوكيان بىر مۇرەككەپ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بولۇپ، ئوكسىگېن يېتىشمىسە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوكسىگېن تولۇقلايدۇ.

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىلىمان سۇ سوغۇق سۇغا ئوخشاش ئۇنچە كۆپ ئېرىگەن ئوكسىگېننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن، دېمەك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە، ئوكسىگېن مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان «ھالاكەت رايونى»مۇ تەدرىجىي پەيدا بولىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىمۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالامدۇ؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 236 مىڭ ئادەم سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن،