ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دائىم سۈت ئىچسە ۋىتامىن D كەم بولمامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:50

كالا سۈتى كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئەمما ۋىتامىن D كەمچىل بولسا نوقۇل ھالدا يېمەكلىككە تايىنىپ تولۇقلاش ناھايىتى تەس.

ئەمەلىيەتتە،كالتسىي ۋە ۋىتامىن D ئادەم بەدىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبى. ئىگىلىنىشىچە،ئەگەر ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تولۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىكەن.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا،سۈتنى كۆپ ئىچكەندە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دېگەن قاراشنى كۆپ ئاڭلايمىز،لېكىن بۇ خىل قاراش ئەتراپلىق ئەمەس.بۇنىڭغا قارىتا نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى دەي يوڭمېي مۇنداق دېدى: سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ.كالتسىي ۋە ۋىتامىن D كەملىكى بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بولۇشى مۇمكىن. ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D تولۇقلاشمۇ بىر ئاساسىي تەدبىر. ئەمما پەقەت سۈتلا ئىچكەندە كالتسىينى بەكرەك تولۇقلايدۇ.

ۋىتامىن D ئادەتتە يېمەكلىكلەردە ناھايىتى ئاز بولىدۇ ياكى يوق دېيەرلىك، پەقەت دېڭىز سۈيى بېلىقلىرىنىڭ تەركىبىدىكى مىقدارى نىسبەتەن مول. ۋىتامىن D ئاساسلىقى دورا بىلەن ياكى ئاپتاپقا قاقلىنىش بىلەن تولۇقلىنىدۇ. ئادەمنىڭ تېرىسى قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا،قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئېپىدېرما ئاستىدىكى 7ـ ھىدروگېنسىز خولېستېرىن ۋىتامىن D نى بىرىكتۈرەلەيدۇ.ۋىتامىن D نىڭ ئاساسلىق رولى ئۈچەي يولىدىكى كالتسىينىڭ قانغا سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.بۇنىڭ بىلەن سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەڭشىلىپ،سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش. شۇڭا دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن،ئادەتتە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىپ،ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.بىراق،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،ۋىتامىن D مۇ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. دەي يۇڭمېي مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:كالتسىي ماددىسى يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدائوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك تەۋسىيە قىلىنىدىغان ۋىتامىن D قوبۇل قىلىش مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان قوبۇل قىلىش مىقدارى ھەر كۈنى 10 مىكروگرام،65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ تەۋسىيە قىلغان قوبۇل قىلىش مىقدارى ھەر كۈنى 15 مىكروگىرام بولىدۇ.ئادەتتە،چىشنىڭ يېتىلىشى كەمتۈك بولۇش، سۆڭەك ئاغرىش، پاتولوگىيىلىك سۇنۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋىتامىن D كەملىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.ئېغىر بولغاندا راخىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، O شەكىللىك ياكى X شەكىللىك پۇت قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىڭىزدە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بايقىسىز،دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىڭ، ھەرگىزمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان ئەھۋالدا قارىغۇلارچە دورا ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولمايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دائىم سۈت ئىچسە ۋىتامىن D كەم بولمامدۇ؟

كالا سۈتى كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئەمما ۋىتامىن D كەمچىل بولسا نوقۇل ھالدا يېمەكلىككە تايىنىپ تولۇقلاش ناھايىتى تەس.