ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئائىلىدە دورا ساقلاش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 13:07

 

 بىر قىسىم كىشلەر ئائىلىدە دورا ساقلىغاندا چۈشەندۈرۈشتىكى قانداق ساقلاشقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇماستىنلا بارلىق دورىلارنى بىر يەرگە قويۇپ ساقلاۋېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دورىلارنى ساقلىغاندا دورىنىڭ قېپىدىكى ئەسكەرتىلگەن ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ساقلاش كېرەك ئىكەن. ئادەتتە دورىلارنى 10-30 گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدىكەن. ئەگەر ئەسكەرتمىدە سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلتسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سايە جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورىنى كۈن نۇرىدىن ساقلاش كېرەك ھەمدە دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمېپراتۇرىسى20 سېلتسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سوغۇق جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى 2-10 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇش كېرەك.

  بەزى ئائىلىلەردە بىر يېشىككىلا بارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىشقا ئادەتلەنگەن. دورىلار دۆۋىلەپ بىللە قويۇلسا دورىنىڭ پۇرىقى ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ ياكى رېئاكسىيەلىشىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا ئامال بار كىچىك دورا ساندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ ساقلاش، پۇرىقى ئاسان ئۆتۈشۈپ كېتىدىغان دورىلارنى ئايرىپ ساقلاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئائىلىدە دورا ساقلاش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟

 بىر قىسىم كىشلەر ئائىلىدە دورا ساقلىغاندا چۈشەندۈرۈشتىكى قانداق ساقلاشقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇماستىنلا بارلىق دورىلارنى بىر يەرگە قويۇپ ساقلاۋېرىدۇ.