ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىر ئالغۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قاپقىقىنى دەرھال يېپىۋەتمەڭ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 14:17

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولۇپلا قاپقىقىنى يېپىۋەتكەندە، كىرئالغۇدىكى قالدۇق سۇ تامچىلىرىنىڭ پارغا ئايلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.

  كىرئالغۇدىكى يۇيۇش چېلىكىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر قەۋەت بار بولۇپ، كىر سۈيى ئىككى قەۋەت ئارىسىدا ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى قەۋەت ئارىلىقىنى تازىلاش قولايسىز بولغاچقا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ماددىلار تەركىبىدە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر، زەمبۇرۇغلار بولۇپ، بۇلارنىڭ نەم شارائىتتا كۆپىيىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. كىر يۇيغان ۋاقىتتا باكتېرىيە سىپورىسى سۇنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئاقما ھەرىكەت قىلىپ كىيىملەرگە چاپلىشىۋالىدۇ –دە، بۇ كىيىملەرنى كىيگەن ۋاقىتتا تېرە قىچىشىش، تېرە سەزگۈرلۈكى، تېرە قاپارتمىسى، ھەتتا تېرە ياللۇغى قاتارلىق بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有