ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەگەر ھەسەل ھەرىسى يوقىلىپ كەتسە، ئىنسانلار قانچىلىك تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 15:47

  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما يەر شارىدىكى %75تىن ئارتۇق زىرائەت تۈرى ھوسۇلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چاڭلاشتۇرۇشقا تايىنىپ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بۇنداق زور چاڭلاشتۇرۇش مىقدارىنىڭ ئورنىنى بىر تەرەپتىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تولۇق ئالالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەسەل ھەرىسى ھايۋانلارنىڭ چاڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى. شۇڭا، ھەسەل ھەرىسى يوقاپ كەتسە، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر يېتىشى مۇمكىن.


    بەلكىم نۇرغۇن كىشى ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن «بولمىغان ئىش ئۈچۈن غەم يەيدىغانلىقى»نى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر ھەسەل ھەرىسىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن دائىم ھەسەل ھەرىسى يوقىلىپ كەتسە، دېگەن گەپنى دەۋېرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تۈجۈپىلەنگەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ياشىشى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. مەسىلەن، بىرلا خىل يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ يېمەكلىكىنى ئازايتىۋېتىدۇ، ھالبۇكى ھاشارات يوقىتىش دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەسەل ھەرىسىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىشاندىن ئادىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، باشقا چاڭلاشتۇرغۇچى جانلىقلار تۈر توپىنىڭ سانىمۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا سەل ئازايدى.

    ھازىر كىشىلەر گەرچە ھەسەل ھەرىلىرىنى كۆرەلىسىمۇ، لېكىن توپ- توپ ھەرە توپىنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنداق ئۆزگىرىش سانلىق مەلۇماتلاردا قانچىلىك زور دەرىجىدە ئەكس ئېتىدۇ؟

    2017-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھايۋانات تەتقىقات ئورنى مۇنداق بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: «يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى ھەسەل ھەرىسىنىڭ %10 ئەتراپىدا ئازايغانلىقى بايقالدى». پەقەت جۇڭگودىكى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئازايغانلىقى نۇقتىسىدىنلا ئېيتقاندا، ئوبيېكتىپ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ تەكشۈرۈش قىلدى. سانىنىڭ ئازىيىشىغا قارىغاندا، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ تۈرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى تېخىمۇ ئېغىر بولدى. گېرمانىيە ھەسەلچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى 560 خىل ھەسەل ھەرىسى تۈرىنىڭ 300دىن كۆپرەكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

    ھەسەل ھەرىسى ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل تېگىشلىك قوغداشقا ئېرىشەلمىدى، ئەگەر ھەسەل ھەرىسى يوقالسا، ئىنسانلار قانداق تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ؟

    ئالدى بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈن- تىنسىز جاپالىق خىزمەت قىلىدىغان بۇنداق جانلىققا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولدى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەسەل ھەرىسىگە سالىدىغان تەھدىتى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. 2018-يىلى، تۇنجى دۇنيا ھەسەل ھەرىسى كۈنىدە، ئاشلىق- يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى مۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتنى كۆرسەتتى: ھەسەل ھەرىسى ۋە چاڭلاشتۇرغۇچى باشقا جانلىقلار كېمىيىپ كەتسە، قەھۋە، ئالما، ئۆرۈك مېغىزى، شوخلا ۋە كاكائو قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسەن ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا كىشىلەر پەقەت گۈرۈچ، كۆممىقوناق ۋە ياڭيۇ قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىلا يەيدۇ، بۇ يەنە كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا، ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقارغان ھەسەل، ئانا ھەرە شىرنىسى ھازىرقى زامان ۋە ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۇلار دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرالايدۇ؛ ھەسەل ھەرىسىنىڭ ياشىشى يەنە نەچچە مىليون ئادەمنىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تىجارىتى، سودا ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەسەل ھەرىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھاسىل قىلغان غايەت زور ئۈنۈمى ئۇلارنى ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان جانلىققا ئايلاندۇردى، ھەسەل ھەرىسىنى قوغداش كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. ئۇنداقتا ئىنسانلار قانداق قىلىپ ئىشنى ئۆزىدىن، شەخستىن باشلاپ ھەسەل ھەرىسىنى قوغدايدۇ؟

  ئالدى بىلەن يېمەكلىك مەسىلىسىدىن باشلاش كېرەك، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىرقى بىرلا خىل تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندە، ھەسەل ھەرىسىنى مول يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؛ كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۆيىدە بىر نەچچە تەشتەك گۈل تېرىسا، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ياشىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللىغاندا، ھاشارات يوقىتىش دورىسى قاتارلىق خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتقىلى، ھەسەل ھەرىسىنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەگەر ھەسەل ھەرىسى يوقىلىپ كەتسە، ئىنسانلار قانچىلىك تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ؟

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما يەر شارىدىكى %75تىن ئارتۇق زىرائەت تۈرى ھوسۇلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چاڭلاشتۇرۇشقا تايىنىپ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.