ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ «ھەقسىز» ئەۋرىشكىلىرى «ئېسىل مەھسۇلاتلار»مۇ؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 15:43

  سودىگەرلەر نورمال ئۆلچەمدىكى گىرىم بۇيۇمىغا قوشۇپ سوۋغا قىلغان گىرىم بۇيۇملىرى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش نۇسخىسى (ئادەتتە ئەۋرىشكىسى دەپ ئاتىلىدۇ)غا قانداق خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇنغان؟ نۇرغۇن كىشى بەلكىم بۇ توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.

  يېقىندا، بىر ئىستېمالچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سودىگەر سوۋغا قىلغان گىرىم بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئەمما يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يۈزى قىزىرىپ، قىچىشىپ، ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. ئەۋرىشكىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەندە، ئەۋرىشكىنىڭ تەركىبىدىكى سىماب مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن 10 مىڭ ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. تەكشۈرۈپ باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپنىڭ ئىنچىكىلەشكەن مەشغۇلات ئۆلچىمى كەمچىل بولغاچقا، ھەر بىر بوتۇلكا ئەۋرىشكە بۇيۇمىنىڭ سىماب مىقدارىمۇ ئوخشاش ئەمەسلىكى، بەزىلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن 43 مىڭ ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان!

سىماب مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن گىرىم بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسى.

 لاياقەتسىز ئەۋرىشكىلەرگە ئالدامچىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بەزى سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ گۈزەللىككە تەقەززا بولۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەۋرىشكىگە نورمال ئۆلچەمدىكى مەھسۇلاتتا يوق خىمىيەلىك تەركىبلەرنى قوشۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئىستېمالچىلارغا «ھەقسىز» سوۋغا قىلىپ، نورمال ئۆلچەمدىكى مەھسۇلات بىلەن ئەۋرىشكە بۇيۇمىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېگەن نام بىلەن ئىشلىتىشكە قىزىقتۇرۇپ، «ئاجايىپ ئۈنۈمگە ئىگە» ساختا ھادىسىنى پەيدا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى يەنە سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەۋرىشكىنىڭ تەننەرخى ئاللىقاچان نورمال ئۆلچەمدىكى مەھسۇلاتقا قېتىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئۈنۈمى يېتەرلىك بولمىغان، «ئېسىل مەھسۇلات» دەپ تەشۋىق قىلغان، خالىغانچە «ماتېرىيال قوشقان» لاياقەتسىز ئەۋرىشكە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا پۇلىمىزغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

 «ھەقسىز» مەھسۇلاتلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. «گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش، سوۋغا قىلىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشتە، گىرىم بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرى ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ «گۈزەللىكنى سۆيۈش ھېسسىياتى»دىن پايدىلىنىپ، «ھەقسىز» دېگەن نام بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى باغلاپ سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر مۇقەررەر جازالىنىدۇ. «بىلەرمەنلىك قىلىش» ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولىدۇ. سودىگەرلەر كەسكىن بازار رىقابىتىدە «بىر كىشىلىك ئورۇن»غا ئىگە بولماقچى بولسا، چوقۇم قائىدىگە رىئايە قىلىشى، توغرا يولدا مېڭىشى كېرەك.

 ئەۋرىشكىلەر گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى رايون بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئورالمىسى كىچىك بۇيۇملاردا، ئەسلىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك تاۋار بەلگىسى ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ؛ سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئوبوروت يوللىرى ئاساس قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ كىرىش يولى بىر قەدەر يوشۇرۇن بولىدۇ؛ بەزى ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ خەنزۇچە يېزىقتىكى چۈشەندۈرۈش بەلگىسى يوق، راست- يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس ... ساھەلەرنى كۆزەتكەندە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يەنە «بوشلۇق» مەۋجۇت. ئەۋرىشكىنى «كىچىك» دەپ، سودىگەرلەر ئۆز ئالدىغا تەلەپنى تۆۋەنلىتىشكە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىخەتەرلىك بىرىنچى. كەسىپ ئۈچۈن قائىدە تۇرغۇزۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىنى چىڭىتقاندىلا، پۈتكۈل كەسىپنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

 قىلچىلىك سەۋەنلىك تاغدەك بالا كەلتۈرىدۇ. لاياقەتسىز ئەۋرىشكە مەسىلىسى بىزگە بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئىنچىكە ھالقىلارغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. قانچە ئىنچىكە بولسا، بىر كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، ساغلاملىق دەرىجىسىنى شۇنچە نامايان قىلغىلى، شۇنداقلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئىنچىكىلىشىش دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى شۇنچە نامايان قىلغىلى بولىدۇ. بىر ئەۋرىشكە ئارقىلىق، بىر خىل مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن بىخەتەرلىك توسمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ «ھەقسىز» ئەۋرىشكىلىرى «ئېسىل مەھسۇلاتلار»مۇ؟

سودىگەرلەر نورمال ئۆلچەمدىكى گىرىم بۇيۇمىغا قوشۇپ سوۋغا قىلغان گىرىم بۇيۇملىرى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش نۇسخىسى (ئادەتتە ئەۋرىشكىسى دەپ ئاتىلىدۇ)غا قانداق خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇنغان؟ نۇرغۇن كىشى بەلكىم بۇ توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.