ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى كەينى-كەينىدىن چۈشتى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتا ھەققى نېمە ئۈچۈن ئەكسىچە ئۆرلىدى؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 16:12

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت قوغدايدىغان بولۇش، ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نۇرغۇن ئائىلىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. بۇ يىل 2-ئايدا «بىر كۈن ئىچىدە توققۇز ئاپتوموبىل كارخانىسى باھانى چۈشۈرگەنلىكىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلغانلىقى» قىزىق ئىزدەلگەن تېمىغا ئايلاندى، لېكىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە قارشى ھالدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى كەينى-كەينىدىن ئۆستى. بىر تەرەپتىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئۆرىلىكىدىن قاقشاپ، سۇغۇرتىلىتىش رەت قىلىنغانلىقىدىن، سۇغۇرتا مۇددىتىنى ئۇزارتىشى قىيىنغا توختىغانلىقىدىن ئەرز قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىمۇ زىيان تارتۇق دەپ قاقشىدى.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى چۈشكەندىكىن، سۇغۇرتا ھەققى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەيدۇ؟ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار سۇغۇرتىسىنىڭ قىممەت بولۇشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ «سۇغۇرتىلىتىش ھەققى قىممەت بولۇش»، «سۇغۇرتا مۇددىتىنى ئۇزارتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى چۈشتى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ھەققى ئەكسىچە ئۆرلىدى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىسى قىسمەن ماركىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ياكى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەمما ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىزچىل ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى نارازى قىلىپ كەلدى. شەھەر ئاھالىسى زاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتا ھەققى 8000 يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن 2000 يۈەن ئەتراپىدا يۇقىرى ئىكەن.

  مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە بىر قىسىم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، لېكىن، ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ تەڭشەلگەنلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىگەنلىكىنى بايقىغان. مەلۇم بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىلى ھادىسە سادىر قىلمىغانلىقىنى، لېكىن بۇ يىل سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يەنىلا خېلى كۆپ ئۆسكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ مەسىلىگە قارىتا، مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ خاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاپتوموبىلدا ھادىسە كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىك ئامىلىدىن باشقا، ئاپتوموبىل تىپى تۆلەم نىسبىتى، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ يېشى، جىنسى، ھەيدەش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ. «ئالدىنقى يىلى بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا بېرىلىدىغان تۆلەم بىر قەدەر كۆپ بولغان بولسا، ئىككىنچى يىلى سۇغۇرتا شىركىتى باھانى ئۆستۈرىدۇ ياكى بۇ ئاپتوموبىل تىپىنى سۇغۇرتىلىمايدۇ».


   ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى مەخسۇس ماددىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا ئوخشاش بىر ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ماددىسى قوللىنىش ئۆتمۈشكە ئايلانغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 4S دۇكانلىرىنىڭ رېمونت قىلىش باھاسى ماس قەدەمدە تۆۋەنلىمىدى، 4S دۇكىنىدا زاپچاسلار باھاسى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىقلار يەنىلا بۇرۇنقى باھا بىلەن ئوخشاش، شۇڭا سۇغۇرتا شىركىتى پۈتۈن بىر ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن يېتەرلىك پايدىغا ئېرىشەلمىدى.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولماقتا

  سۇغۇرتا شىركىتى پايدا ئېلىش ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققىنى يۇقىرى بېكىتىپ، خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇردى

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھادىسە كۆرۈلۈش قېتىم سانى، ئوتتۇرىچە تۆلەم سوممىسى ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللاردىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەچكە، سۇغۇرتا شىركىتى ھەمىشە سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆستۈرۈش، ھەتتا سۇغۇرتىلاشنى رەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

  شىمال سانائەت داشۆسى ئاپتوموبىل كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش-تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ شياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ھەيدەش ئالاھىدىلىكىدە ناھايىتى زور پەرق بار. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئادەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمىسى، ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، سۇغۇرتا شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆلەم نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىدا پايدا ئېلىش سەۋىيەسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر كەسپىي زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردا رىقابەت كەسكىن بولۇپ، بەزى ئاپتوموبىل كارخانىسى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر ئاپتوموبىل تىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن، بۇ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل تىپىنىڭ بازارغا سېلىنىپ نەچچە يىل بولمايلا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بۇ شۇنداقلا سۇغۇرتا شىركىتىنى تۆلەم بېرىش ئۈچۈن زىياننى بېكىتىشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

  تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسى سۇغۇرتا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ گوجۈن مۇنۇلارنى دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سۇغۇرتا ھەققىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ، لېكىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئامىلى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

  ئاپتوموبىل سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئامىللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  سۇغۇرتا شىركىتى باھا ۋاسىتىسى ئارقىلىق بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەش؛

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، ياساش تەننەرخى تەدرىجىي تۆۋەنلەش؛

  سىياسەت ئامىلى، مەسىلەن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى سېتىش يوللىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلسە، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ھەققى تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ.

  لېكىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يېڭىلىنىش، ئالمىشىشى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، سۇغۇرتا شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سودىگىرى ۋە ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا پەقەت باھانى يۇقىرى بېكىتىش ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، سۇغۇرتا شىركىتى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنى سېتىپ چىقارغاندىن كېيىن كىرىم چىقىمغا يەتمەسلىكىدىن ساقلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى كەينى-كەينىدىن چۈشتى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتا ھەققى نېمە ئۈچۈن ئەكسىچە ئۆرلىدى؟

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت قوغدايدىغان بولۇش، ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ،