ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دورا ئۆسۈملۈكلىرى خانىشى» − مامكاپ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-09 15:49

   باش باھار مەزگىلىدە ياكى دالىدا باھار سەيلىسى قىلغاندا ياكى كوچا بويلىرىدا بەزى ياۋا كۆكتاتلارنى، سۈنئىي كۆپەيتىلگەن ياۋا ئوت- چۆپلەرنى كۆرەلەيمىز. بۈگۈن بىز «دورا ئۆسۈملۈكلىرى خانىشى» دەپ ئاتىلىدىغان مامكاپ ۋە ئۇنىڭ «ھەمشىرىسى» بولغان ئۆسۈملۈك-«كۆكسېغىز» بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.


    شىنجاڭدا ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا، يول بويىدىكى ئويمان- دۆڭلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە مامكاپنى كۆرگىلى بولىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلىدە ساپسېرىق گۈللىرى ئېچىلىپ، ياپيېشىل گىلەم ئۈستىدىكى زىننەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ، خۇش پۇرىقى ھەممە يەرگە تارىلىدۇ...

    مامكاپ ئەسلىي ياۋروپادا ئۆسىدىغان بولسىمۇ، ھازىر جۇڭگو شىنجاڭدا تۈرى ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزەلدىن مۇھىت تاللىمايدۇ، ئوت-چۆپ ئۆسىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ سىيماسى بار، شىنجاڭدا ئۆسۈشكە ماس كېلىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ئۇرۇقدىشىدا 2000 خىلدىن ئارتۇق تۈرى بار، ئاساسلىقى شىمالىي يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل بەلبېغىدىن سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرىغىچە تارقالغان.

    مامكاپنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر، ھەممە تۈپى دورا قىلىنىدۇ. 1999- يىللىق نۇسخىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسىدە خاتىرىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە مامكاپنىڭ 70 خىل تۈرى، بىر خىل ئۆزگەرگەن تۈرى بار بولۇپ، شىنجاڭ مامكاپ ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش رايونى ئىكەن، يېرىمغا يېقىن مامكاپ تۈرى (34 خىل)نى بىردەك شىنجاڭدا تاپقىلى بولىدىكەن.

    مامكاپنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى يىلتىز قىسمىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى تولىراق سېرىق رەڭدە، بەزىدە ئاق رەڭلىكىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. گۈل چىنىسىنىڭ ئۈستى قىسمى كۆپىنچە قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە، ئۇرۇقىدا ئۇرۇق تۇمشۇقى ئارقىلىق تۇتىشىپ تاجسىمان تۈك ئۆسىدۇ، مامكاپ تاجسىمان تۈكىگە تايىنىپ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

    قەدىمكى زاماندىكى دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسلىرىدا ئۇنىڭغا ئائىت خاتىرىلەر بار، ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مامكاپ تەمى ئاچچىق، تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، يۇتقۇنچاق ئاغرىقىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەر ياندۇرىدىكەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنى مامكاپ- كۆكسېغىز تەتقىقات تېمىسىدا تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەم مامكاپنىڭ قىممىتىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن مامكاپنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىلگىرىكى قاقاس دالىدىكى كۆكتاتتىن مەززىلىك قورۇمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ دورىلىق، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىستىقبالى پارلاق.

    ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا مامكاپ سورتى تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن ۋە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، گېرمانىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مامكاپنى كۆكتات ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە ئۆستۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدە مامكاپ تەتقىقاتىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن رايوندا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان، مەسىلەن: ئەنخۇي، خېنەن، شەندۇڭ، شەرقىي شىمال قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلاردا مامكاپ كۆپ مىقداردا ئۆستۈرۈلگەن.

    تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان بەزى دېھقانلار بالىلىق چاغلىرىدا مامكاپنىڭ يىلتىزىنى چايناشنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق، بۇ «سېغىز» ئەمەلىيەتتە كۆكسېغىز ئىكەن.

    كۆكسېغىز جۇخارگۈل ئائىلىسى، مامكاپ ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مامكاپنىڭ ئۇرۇقدىشىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە ھەم ئېچىش قىممىتىگە ئىگە بىر تۈر ھېسابلىنىدىكەن، مامكاپنىڭ «ھەمشىرىسى» ھېسابلىنىدىكەن. ئادەتتىكى مامكاپنىڭ يىلتىزىدىكى سۈت سۇيۇقلۇقىدىن كۆكسېغىز ئالغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن بالون قاتارلىق كاۋچۇك بۇيۇملىرى ياسىلىدىكەن، بىرازىلىيە كاۋچۇك دەرىخى، زەرنىگۈل قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ دۇنيادىكى كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چوڭ ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدىكەن.

    مامكاپ بىلەن كۆكسېغىزنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى نېمە؟ كۆپ ئۇچرايدىغان مامكاپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تار كەلگەن تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ياكى تەتۈر تېمىنسىمان شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقى پارقىراق، تۈكسىز، يەرگە چاپلىشىپ ئۆسىدۇ. كۆپ يىللىق كۆكسېغىزنىڭ يىلتىزىدىن يېلىم قاپلىمىسى ھاسىل بولۇپ، كاۋچۇك يىپىنى تارتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

    كۆكسېغىزنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار، يەنى ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىش ھەسسىلىك سانى ئىنتايىن يۇقىرى، بىر تۈپ كۆكسېغىز بىر يىلدا 30 ئەتراپىدا ئۇرۇق گۈل رىتى تۇتىدۇ، ھەربىر گۈل رىتىدە 40 تالدىن 100 تالغىچە ئۇرۇق بولىدۇ. پىشقاندىن كېيىن، ئۇلار مامكاپ ئۇرۇقىغا ئوخشاش شامالغا ئەگىشىپ لەيلەپ يەرگە چۈشۈپ ئۆسىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ.

    پەن تەتقىقات خادىملىرى كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق كۆكسېغىزنىڭ ھەممە يېرىنىڭ گۆھەر ئىكەنلىكىنى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىدىن جۇخارگۈلى شېكىرى ئايرىپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، يېلىم ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇقلىرىدىن ئىسپىرت، پاتقاق گازى پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، بەلگىلىك دورىلىق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    كۆكسېغىز سوغۇقنى خالايدىغان، شورغا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. كۆپ يىللىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆكسېغىز pH قىممىتى 9.5 − 8.1 ئارىلىقىدا بولغان تۇپراقتا ئۆسەلەيدىكەن، پۈتۈن تۇزى ‰20تىن يۇقىرى بولغان شورلاشقان چىملىق ئەتراپىدا ئۆسىدىكەن، شۇڭا كۆكسېغىز شىنجاڭدا كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دورا ئۆسۈملۈكلىرى خانىشى» − مامكاپ

  باش باھار مەزگىلىدە ياكى دالىدا باھار سەيلىسى قىلغاندا ياكى كوچا بويلىرىدا بەزى ياۋا كۆكتاتلارنى، سۈنئىي كۆپەيتىلگەن ياۋا ئوت- چۆپلەرنى كۆرەلەيمىز. بۈگۈن بىز «دورا ئۆسۈملۈكلىرى خانىشى» دەپ ئاتىلىدىغان مامكاپ ۋە ئۇنىڭ «ھەمشىرىسى» بولغان ئۆسۈملۈك -«كۆكسېغىز» بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.