ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-12 13:21

 

ئەرمەك ھايۋانلارنى ئادەتتە ئىگىسىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشى يەپ-ئىچىش بىلەنلا ئۆتىدۇ، دەپ قالماڭ. ئۇلارمۇ مۇھىت بۇلغىنىشقا «تۆھپە قوشماقتا».

  گۆشخور ئەرمەك ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنى – ئۇلار ئىستېمال قىلىدىغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىشلەپچىقىرىشتىن كېلىدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، تۇپراق، سۇ ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن پارنىك گازى پەيدا بولىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ھەر يىلى ئامېرىكىدىكى ئىت ۋە مۈشۈكلەرنىڭ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، 64 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە مېتان ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىققان. بۇ، ھەر يىلى 1360 دانە ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن كاربون مىقدارىغا تەڭ. ئەرمەك ھايۋانلار يېمەكلىكتىن باشقا، يەنە ئويۇنچۇق، ھۆسن تۈزەش مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەر خىل زاپچاسلارغىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇ بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىمۇ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددىلار پەيدا بولىدۇ.

  ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكى ۋە ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىدىن باشقا، چىقىرىندىلىرىمۇ مۇھىتنى بۇلغايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەرمەك ھايۋانلار يىلىغا 5 مىليون 100 مىڭ توننا گەندە چىقىرىدىكەن. بۇ تەخمىنەن 90 مىليون ئادەمنىڭ چىقىرىندىسىغا باراۋەر كېلىدىكەن. بۇ گەندىلەر ئادەتتە ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، مۇھىتنى بۇلغايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى مۈشۈكلەر ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىليون ھايۋاننى ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ، كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن پەرەز قىلغاندا، شەھەرلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار توپىنىڭ سانىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ھازىرچە بۇلارنىڭ مۇھىتقا زادى قانچىلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

  تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنى

ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنى