بۇ يىل لەنمىي بازىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىپ كەتتى؟
بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، لەنمىي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى %1100 ئۆرلىدى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 مىڭغا يېقىن سودىگەر ھەرقايسى سۇپىلاردا لەنمىينىڭ مال مەنبەسىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
2023ـ-يىلىنىڭ ئاخىرى، ھاۋارايى سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ ھۆل ـ يېغىن ئاز ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تەسىرىدە ئېلىمىزدە لەنمىي بولۇپمۇ يۈننەن رايونىدىكى بالدۇر پىشىدىغان سورتلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىككى-ئۈچ ئاي بۇرۇن ئاز مىقداردا بازارغا سېلىندى. ئەمما كۆپ مىقداردا مەركەزلىك بازارغا سېلىش ۋاقتى بۇ يىل 4-، 5-ئايلاردا بولۇشى مۇمكىن. خەلقارا بازاردا بولسا ئېلنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، لەنمىينىڭ ئېكسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، شۇڭا نۆۋەتتىكى بازار تەمىناتى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.
تەرجىمان: نۇزىگۈل ئىمىر