جورىسى خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ
تەتقىقاتچىلار جورىسى خۇشال بولسا، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇپلا قالماي، ئۆمرىنىڭمۇ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «جورىسى خۇشال بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەننى ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن. بىرىنچى، جورىسى خۇشال بولسا قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تېخىمۇ خالايدىكەن، بولۇپمۇ كېسەلچان، تېنى ئاجىز ۋاقىتلاردا؛ ئىككىنچى، جورىسى خۇشال بولسا قارشى تەرەپ بىلەن تاكاللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بېسىم تۇيغۇسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ ئۈچىنچى، بەختلىك، خۇشال ئادەم جىسمانىي پائالىيەت جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، جورىسىغىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن، ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەزكۇر تەتقىقات باغلىنىشلىق تەتقىقات بولۇپ، ھەرگىزمۇ جورىسىنىڭ خۇشال بولۇشى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.