نەنجىڭدىكى بۇ 10 يۈەنلىك قەھۋەنى ئىچىش مودا بولدى
يېقىندا نەنجىڭدىكى خەن ئانىنىڭ قولدا تەييارلىغان 10 يۈەنلىك قەھۋەسى ياشلارنىڭ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ئىچىملىكىگە ئايلاندى.
دۇكان خوجايىنى خەن سۇجېن بۇ يىل 74 ياش. ئۇ بۇ دۇكىنىدا 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاساسلىقى شېكەر قومۇش شىرنىسى ساتقان، قەھۋە سېتىش قوشۇمچە كەسپى بولۇپ، بۇنىڭغىمۇ 20 نەچچە يىل بولغان.
خەن ئانىنىڭ قەھۋە تەييارلاشتىكى مەخپىي رېتسېپى مۇنداق:بىر ئىستاكانغا ئۈچ خالتا تېز ئېرىيدىغان يەنى سۇرۇڭ قەھۋە ماتېرىيالىنى قويۇپ، ئىسسىق سۇدا دەملەيدۇ، ئاندىن قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قەھۋەنىڭ سۇدا تولۇق ئېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خەن ئانىنىڭ توردا داڭق چىقىرىشى بىلەن سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. ھەتتا بەزىلەر مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ نەنجىڭغا كېلىپ ئۇ تەييارلىغان قەھۋەنى تېتىپ باقتى.
خەن ئانا خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن تور ئېقىم مىقدارىنى چۈشىنىپ كەتمەيمەن، ئۆز ئەمگىكىمگە تايىنىپ پۇل تاپىمەن. تور ئېقىم مىقدارى بولسۇن بولمىسۇن مەن ئوخشاشلا سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن.
تەرجىمان: گۈلىرىز سۈرئەت