ھەيران قالارلىق! بۇ بىر ساپاق ئۈزۈم ياساپ چىقىلغانكەن
شاخلىرى قۇرۇپ كەتكەن، مېۋىلىرىنى قىرو قاپلىغان، يەنە بەزى سېرىق داغلارمۇ بار... بۇنى كىم كۆرسە، سېسىپ كەتكەن ئۈزۈم دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان ۋىرول (ئەينەك) بۇيۇم. بۇ بىر ساپاق ئۈزۈم قېلىپسىز پۈۋلەش ئۇسۇلى بىلەن پۈۋلەپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سىرتقى دىۋارى ئىنتايىن نېپىز، ئىچى كاۋاك، پۈتۈنلەي ھۈنەرۋەنلەرنىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرى بىلەنلا ياسالغان، ھەر بىر تال ئۈزۈم ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە. شاخ غولى مېتال سىمدىن ياسالغان بولۇپ، راست ئۈزۈمدىن پەرقسىز دېسىمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.
تەرجىمان: مەھلىيا ئىبراھىم
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان