ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆزى قايناپ پىشىدىغان قولايلىق گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىچىدىكى گۈرۈچ ساختىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-20 14:29

مەيلى پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇتۇلغان گۈرۈچ ياكى مىكروبسىز گۈرۈچ تامىقى بولسۇن ھەممىسى راست گۈرۈچتىن ياسالغان، پەقەت پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ گۈرۈچ تامىقىنى تېز ھەم قولايلىق ئۇسۇلدا يېيىشى، ئۇزۇن ۋاقىت پىشۇرۇش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈندۇر.

نۆۋەتتە بازاردىكى ئۆزى ئىسسىتىدىغان گۈرۈچ تامىقى ئاساسلىقى ئۈچ خىل: بىرىنچى خىلى، گۈرۈچنى يانجىپ، ئاندىن كىراخمال قوشۇپ، قايتا پىشۇرۇش ئارقىلىق گۈرۈچ تامىقى قىلىنىدۇ، بۇ خىل گۈرۈچ يەنە قايتا تەشكىللەنگەن گۈرۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىنغان گۈرۈچتىكى كىراخمالنىڭ ئۇماچلىشىش سۈرىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ ھەم ناھايىتى تېزلا پىشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى، گۈرۈچنى پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ ياسىلىدۇ. پىشۇرۇلغاندىن كېيىنكى گۈرۈچنىڭ كىراخمالى ئۇماچلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، تېز سۈرەتتە سۇسىزلاندۇرىلىدۇ، بۇ ئۇماچلىشىپ كەتكەن كىراخمال مولېكۇلالىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، كىراخمالنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېز سۈرەتتە پىشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ قائىدىسى ئەمەلىيەتتە بىز ئادەتتە يەيدىغان تەييار چۆپ بىلەن ئوخشاش. ئۈچىنچى خىلى، مىكروبسىز گۈرۈچ تامىقى. ئەمەلىيەتتە بۇ پىشۇرغان گۈرۈچ تامىقىنى مىكروبسىزلاندۇرغاندىن كېيىن ھىملاپ ساقلانغان تەييار يېمەكلىك بولۇپ، يېگەندە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە قىزىتىپلا يېسىڭىز بولىدۇ.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有