كىت تىرىك يۇتۇۋەتكەن ئادەمنىڭ ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
كىت بۇرۇتلۇق كىت ۋە چىشلىق كىت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بەك ئېچىرقاپ كەتكەن ۋاقىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار ئادەتتە ئاسانلىقچە ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئەگەر سىز دېڭىزدا بۇرۇتلۇق كىتكە ئۇچراپ قالسىڭىز، بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن چىشلىق كىتلار ئارىسىدا نۇرغۇن داڭلىق كىتلار بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىپار كىت بىلەن يىرتقۇچ كىت ئەڭ ھۇجۇمچى كېلىدۇ. ناۋادا ئادەم ئىپار كىتقا ئۇچراپ قالسا، ئۇ دېڭىز سۈيى بىلەن قوشۇپلا يالمىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ تار ھەزىم قىلىش يولىدىن ئۆتۈپ ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا يەنە باشقا جانلىقلار بار، ئىپار كىتنىڭ ئاشقازىنى پەقەت مېخانىك لۆمۈلدەش ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى پارچىلايدۇ، ئاشقازىنىدىكى جانلىقلار بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشقازان كىرىش ئېغىزىغا كىرىدۇ، بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى ناچارراق، بۇ يەردە كۈچلۈك كىسلاتا ۋە ئاشقازان ئېنزىمى ئاجرىلىپ چىقىپ يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىدۇ، ئەگەر ئادەملەر يېتەرلىك قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، چىرىتىشكە قارشى كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولسا، ئۇ چاغدا كىتنىڭ ئۆزىنى ياندۇرۇۋېتىشىنى ساقلىسا بولىدۇ.
بۇ جەريان ئېقىنغا قارشى ئۈزۈش جەريانى بولۇپ، سۇنىڭ قارشىلىق كۈچىنى يېڭىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىدۇ، ئەگەر ئاخىرىدا كىتنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپ قالغاندا، ئۇ چاغدا كىتنىڭ قورسىقىدا قېلىپ ئۇخلاشتىن باشقا چارە قالمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ جەريان پۈتۈنلەي بىر پەرەز، چۈنكى، ھازىرغا قەدەر دۇنيادا كىتنىڭ ئىنسانلارنى تىرىك يۇتۇۋەتكەنلىك خەۋىرى چىقىپ باقمىدى، راست شۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالسا، شۇ كىشىنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى نۆلگە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ.
تەرجىمان: گۈلرىز سۈرئەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان