ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى تۇنجى كاربون تالالىق مېترو چىڭداۋدا بارلىققا كەلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-28 15:52

  26-ئىيۇن، دۇنيا بويىچە تۇنجى سودا خاراكتېرلىك تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغان كاربون تالالىق مېترو «1.0 CETROVO كاربونلۇق تېز مېترو» شەندۇڭنىڭ چىڭداۋدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  ئۇنىڭ چىداملىقلىقى پولات-تۆمۈرنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، لېكىن ئېغىرلىقى پولات-تۆمۈرنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ رېلىسلىق قاتناش قوراللىرىنى يېنىكلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ مېترو ھەر يىلى 130 توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ 101 مو كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغانغا باراۋەر. كاربون تالالىق مېترونىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 140 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

  تەرجىمان: پەزىلەت ئارسلان

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有