ئاتا مېھرى سىڭدۈرۈلگەن مىنۇتلار...
شەنشىدىكى گاۋ ئەپەندى دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكىسىنى زەرەتلەپ قويغانلىقىنى بايقىدى. گاۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: دادام مېنىڭ ئەتىسى يولغا چىقىدىغىنىمنى ئۇقۇپ، يولدا يان تېلېفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توكدىنىمغا لىق توك قاچىلاپ قويماقچى بوپتۇ.
گاۋ ئەپەندى يۇرتىغا يىلدا ئۈچ قېتىملا قايتاتتى. ئەينى چاغدا ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ كۈلكىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەكلا تەسىرلەندى. چۈنكى بۇ قاتتىق دىسكىغا لىق قاچىلانغىنى ئاتا مېھرى ئىدى.
يەنە قارايدىغان بولساق دادىسى سىم يۇغۇچ بىلەن ئوغلىنىڭ ئاپتوموبىلىنى يۇيغان، نەتىجىدە ئاپتوموبىلنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەن. چېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: دادام ماڭا ئاپتوموبىل يۇيۇش ھەققىنى تېجەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن سىرلاش ئۈچۈن 20-30 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، دادامنىڭ ئازابلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم.
ئاتىلار تاتلىق سۆزلەرگە بەك ئۇستا ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پەرزەنتلىرىنى ئاددىي ۋە مۇلايىم ئۇسۇللار بىلەن باغرىغا باسىدۇ.
تەرجىمان:گۈلرىز سۈرئەت
سېلىشتۇرغۇچى:ئاراپات ھۈسەنجان