ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاڭلايدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-20 15:47

  بايقىدىڭىزمىكىن؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھەر قېتىم ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋېتىدۇ. ھەتتا دوستلار ئارىسىدىكى قۇرۇق پاراڭلار بولسىمۇ خۇددى باشلىقىغا ئۇچۇر يوللىغاندەك ھەممىسىنى يەنە بىر قېتىم قايتا ئاڭلاپ چىقىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بىز بۈگۈن بۇ مەسىلىگە پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قاراپ باقايلى.

  ئاۋازنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئاڭلاش ئۆزىنى دەلىللەش جەريانى. ئاۋازنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قايتا ئاڭلاش ھەرگىزمۇ ھەممىلا كىشىنىڭ ئادىتى ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئالاھىدىلىككە ياكى مۇددىئاغا ئىگە كىشىلەردە يۈز بېرىدىغان ئادەت، چۈنكى بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەمەلىيەتتە بەزى پىسخىكىلىق ئامىللار مەۋجۇت.

  جەمئىيەت پىسخولوگى سىۋاڭ ئۆزىنى دەلىللەش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كىشىلەردە ھەقىقىي ئۆزىنى چۈشىنىش خاھىشى بار دەپ قارايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ھەمىشە ئوبيېكتىپ، توغرا ۋە دىياگنوز خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى قايتا ئاڭلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ياكى يېقىملىق ئەمەسلىكى، تەلەپپۇزى ۋە ئىشلەتكەن سۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۆزلۈك ئۇقۇمى ۋە باھاسى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىلەر خاتا گەپ قىلىپ قويغان ـ قويمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى قايتا ئاڭلىشى مۇمكىن. ئۆزىنى دەلىللەش نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك سەۋەبىدىن ئاۋازنى قايتا ئاڭلاش، ئوخشاشلا ئۆزىنى دەلىللەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچلىك، بىپەرۋا ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىشىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاڭلايدۇ؟

بايقىدىڭىزمىكىن؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھەر قېتىم ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋېتىدۇ.