ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار تاپقاپقا بەك بېرىلىپ كەتمىسۇن!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 15:07

ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق قاقشاشلىرىنى ئاڭلايمىز: ئۆينىڭ ھەممە يېرىدە ھەر خىل تاپقاپ بار، مەلۇم بىر كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن بالام بېشىمنى ئاغرىتىۋېتىدۇ. 
يېقىندا كارتا تاپقېپى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. بالىلار ھە دېسىلا نەچچە ئون يۈەن، نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە تاپقاپلارنى سېتىۋالىدۇ. ئالاھىدە ئىشلەنگەن كارتىنىڭ يۇقىرى باھادا 210 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان ئىشلارمۇ بار.
بالىلارنىڭ "ئاۋتىمەن كارتىسى"، "شاۋما باۋلى كارتىسى" قاتارلىقلارغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھازىرقى  كارتا تاپقېپى بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ كۆپتۈرۈشى بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى ئويۇنچۇق ئەمەس بەلكى يىغىشتىن تەدرىجىي پۇل تېپىش ۋە ھايىنىغا سېتىشقا ئۆزگەرگەن، بۇنىڭدا خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان.
بىرىنچى، ئاسان خۇمار بولۇپ قېلىش. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوينىغانسېرى ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋېلىشتىن سودىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، باھاسى 50 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە، ھەتتا 50 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتكەن، ئوينىغانسېرى خۇمار بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى، بالىلارنىڭ ئىستېمال قارىشى، قىممەت قارىشىنى بۇرمىلاش. بۇ ئاسانلا بالىلارنىڭ ئۆزئارا بەسلىشىشى، كۆز-كۆز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
ئۈچىنچى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزى بالىلار كارتا يىغىش ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك خەجلىگەن. بەزىلەر ھەتتا ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىپ كارتا ئالغان.
تاپقاپ ئىقتىسادى ئىستېمال ساھەسىدە مودا بولغان بولسىمۇ، ئەمما قارىغۇلارچە تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا تۆۋەن چېكى يوق ھالدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تاپقاپ مەھسۇلاتىنىڭ ئىستېمال توپى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
2023-يىلى 6-ئايدا دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى "تاپقاپ تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)"نى بېسىپ تارقىتىپ، سەككىز ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاپقاپ سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.
ئالاقىدار تەرەپلەر تاپقاپ سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئاشۇرۇشى كېرەك. 

تەرجىمان: گۈلرىز سۈرئەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلار تاپقاپقا بەك بېرىلىپ كەتمىسۇن!

بالىلار تاپقاپقا بەك بېرىلىپ كەتمىسۇن!