\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 10:13

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ جېڭجۇۋ شەھىرىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى:

ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دە، جېڭجۇۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پەرقلىنىدىغىنى شۇكى، 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك دەملەرگە توغرا كەلدى.

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ» دېگەن شوئارنى باش تېما قىلغان مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17 دائىملىق مۇسابىقە تۈرى ۋە 150 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 165 ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان بولۇپ، ماھىرلار بەش دائىملىق مۇسابىقە تۈرى، ئۈچ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى ۋە 64 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت قاسىم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە، كەينىچىلەپ ئارقان تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش، ئىلەڭگۈچ قاتارلىق تۈرلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى قەھرىمان داۋۇت مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. مۇسابىقىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئۈندىدار سۇپىمىز، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، ئىستانسىمىز ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «جۇڭگوغا نەزەر» قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ!

中央广播电视总台 央广网 版权所有