\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-02 15:48

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەنلەر ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

يىللار تۈگىمەس ناخشىغا ئوخشايدۇ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئۇنتۇلغۇسىز بۇ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە قەلبىدىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق كېلەچىكىگە بولغان گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەنلەر تىيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن بىرگە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كېچىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

 ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭ رەڭگارەڭ چىراغلار، ھەر خىل گۈللەر بىلەن بېزەلگەن، ھەممە يەردىن بايرام شادلىقى چىقىپ تۇراتتى، تىيەنئەنمېن مەيدانىدىن جىنشۇي كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىغىچە چوڭ تىپتىكى« قىزىل لېنتا» باش تېمىسىدىكى مەنزىرە، 7 ئالاھىدە ئۈنۈملۈك نۇر«ساليۇت دەرىخى»، led چوڭ تور ئېكرانى، نۇر كالتىكى كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋە ھەر مىللەت ھەر ساھە ئاممىسى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى مەركىزى مەيدانىنى كۆركەم بېزەپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئون ئامما بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش رايونى ئايرىم ئايرىم چاڭئەن كوچىسى بويىغا جايلاشتى، نەچچە ئونمىڭ ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ، جۇمھۇرىيەتنى، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلىدى.

سائەت 19دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر تىيەنئەنمېن مەيدانى راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، نەق مەيداندىكى ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

سائەت دەل 20 دە، تېلېگراف بىناسىدا لەرزان «شەرق قىزاردى» كۈيى ياڭرىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى «قىزىل بايراققا مەدھىيە»، «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز»، «ئۈمىدكە تولغان دالىدا»، «يېڭى دەۋرگە باشلاش»تىن ئىبارەت تۆت سەھىپىگە بۆلۈندى، باش تېمىلىق ئويۇن، مەركىزىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى، ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ۋە ساليۇت ماھارىتىدىن تەركىب تاپتى.

 

 

دەل سائەت 20دە تېلېگراف بىناسىدا ھەيۋەتلىك« شەرق قىزاردى» مۇزىكىسى قويۇلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى سەي چى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شەرقتە جيەنگومىن، غەربتە فۇشىڭمىندىن باشلانغان 70ساليۇت رەت بويىچە ئاسمانغا قويۇپ بېرىلىپ، تىيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلدى، مەيدان ئاسمىنىدا ساليۇتتىن  70 دېگەن سان پەيدا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بولغان قىزغىن مەدھىيەسى ئىپادىلەندى.

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باش تېمىلىق پائالىيەت، مەركىزىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ۋە ئاممىۋىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ھەمدە ساليۇت ئويۇنىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈندى.

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى«قىزىل بايراققا مەدھىيە»دىن باشلاندى، داغدۇغىلىق ھۆرمەت توپى ئاۋازى ۋە ھەيۋەتلىك ئوركېستىر مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئويۇن قويغۇچى بىر يەرگە جەم بولۇپ، غايەت چوڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ سۈرىتىنى ھاسىل قىلدى، سۈپ سۈزۈك ئاسمان ئاستىدىكى قارلىق تاغ چوققىسى، دۆلەت بايرىقىنى قوغداۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى،  چەكسىز دولقۇنلار ئارا ئارال خادا تاشلىرى ئۈستىدە دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقان ئۆسمۈر بالىلار؛ چەكسىز ئالەم بوشلۇقى، شېنجۇ ئالەم كېمىسىدە جەۋلان قىلىۋاتقان دۆلەت بايرىقى.... «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئۇزۇنلۇقى 90 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور دۆلەت بايرىقى مەيدان ئاسمىنىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. 3000 دىن ئارتۇق ئويۇن قويغۇچى قولىغا ساليۇت ئېلىپ «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» دېگەن خەتنى تۈزگەندە، ھەر مىللەت ئاممىسى تىيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ مەركىزىگە بېرىپ بىرلىكتە « ۋەتىنىمىز ياشىسۇن » دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

پائالىيەتنىڭ «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز» دېگەن بىرىنچى قىسمىدا يېڭى جۇڭگونىڭ70 يىللىقى كۈرەش ناخشىسى ئېيتىلىپ، قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى، ئالقىش سادالىرى كۆككە يەتتى، ناخشا سادالىرى ھەممە يەرنى لەرزىگە سالدى، قىزىل گۈللۈك لېنتىلاردىن غايەت زور جۇڭگو تۈگىنى توقۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ئەڭ قىزغىن ئۇسۇللار بىلەن پارتىيەنى، دۆلەتنى سۆيۈش ساداسىنى ياڭراتتى. موڭغۇللارنىڭ«مەدھىيە ناخشىسى»، زاڭزۇلارنىڭ«پارتىيەگە تاغ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىش»، «بېيجىڭدىكى جىنشەن تېغىدا»، ئۇيغۇرلارنىڭ «ياشلىق كۈيى»، چاۋشيەنزۇلارنىڭ« قىزىل قۇياش چېگرا رايوننى يورۇتتى»، جۇاڭزۇلارنىڭ« تاغ ناخشىلىرى بىلەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن»، خۇيزۇلارنىڭ« گۈل ۋە ئۆسمۈرلەر » قاتارلىقلار ئورۇندالدى، ھەر مىللەت ئاممىسى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلىكتە خۇشال- خۇرام كۆڭۈل ئاچتى. «ياشلار دوستلۇق ۋالىسى» مېلودىيەسى ئىچىدە، مەيداننىڭ كېچە ئاسمىنى چاقناپ، ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى. پايانسىز تاغلاردىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، بىپايان دالىلاردىن كۆپكۆك دېڭىز - ئوكيانلارغىچە، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش قوشۇنلىرى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلارغا ئاتلانماقتا.

پائالىيەتنىڭ «ئۈمىدكە تولغا دالا» دېگەن ئىككىنچى قىسمى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش مۇقەددەس زېمىننى ئىللىتقانلىقىغا سىمۋول قىلىندى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى «ۋەتىنىم»، 60 - يىللىرىدىكى « گۈللەر قۇياشقا قاراپ »، 70 - يىللاردىكى « جۇڭگو، جۇڭگو، قىپقىزىل قۇياش مەڭگۈ پاتمايدۇ» دېگەن نومۇرلاردىن يېڭى ئەسىردىكى «قۇياش نۇرى يولى» دېگەن نومۇرلارغىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى كىلاسسىك ناخشىلار ئېيتىلدى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىكى ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، خەلق مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەت سەنئىتىنى نامايان قىلدى. 

«يېڭى دەۋرگە  باشلاش» دېگەن ئۈچىنچى قىسمىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ شانلىق ئارزۇسى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش روھى قىياپىتى نامايان قىلىندى. رەڭلىك چاقپەلەك، ئايلىنىدىغان نۇر چاق، قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئۇسسۇل، ھاياتىي كۈچ، يېڭى مەنزىل، يېڭى دەۋر ئىپادىلەنگەن بەخت كۆرۈنۈشىدە، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى. «يېڭى دەۋر ۋالىسى» ناملىق مۇزىكىلىق ساليۇت قويۇش ئويۇنىدا دەۋرنىڭ مەردانە ۋە شانلىق مەنزىرىسى نامايان قىلىندى. ئويۇن قويغۇچىلار قوللىرىدىكى ساليۇتنى تۇتاشتۇرۇپ« يېڭى دەۋر » دېگەن خەتنى ھاسىل قىلدى. «ساليۇت دەرىخى» دە مول، گۈللەپ ياشناشقا سىمۋول قىلىنغان«مودەنگۈلنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى» دېگەن ھەرىكەتچان كۆرۈنۈش بارلىققا كەلدى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى ئامما بۇ گۈزەل مەنزىرىگە سىڭىپ كىرىپ، چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشا ساداسى ئارقىلىق«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» دېگەن قەلب ساداسىنى ياڭراتتى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار، ھەر ساھە ئاممىسى «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشا ساداسى ئىچىدە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈندى. «تەڭ شادلىنىش، تەڭ تىلەك تىلەش» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ،  يېڭى جۇڭگونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.            

بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆكتە جەۋلان قىلدى، غەلىبە مارشى ياڭرىدى، شاد خۇراملىققا تولغان ناخشا سادالىرى پەلەككە يېتىپ، ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇلدى، ھەممە يەردىن خەلق ياشىسۇن دېگەن سادالار ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر پۈتۈن مەيداندىكى ئامما بىلەن تەڭ«ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى تەڭ ئوقۇدى، تىيەنئەنمېن مەيدانى  ئاسمىنى رەڭگارەڭ رەڭ ساليۇتلار بىلەن كۆركەم تۈسكە كىردى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ كەيپىياتى ئەڭ يۇقىرى پەلەككە يەتتى.

 سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، مەيداندا ھاياجانلانغان كىشىلەر شادلىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن بولۇپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خوڭجوڭ، ياڭ جېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مېيئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، لى رۇيخۈەن، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سوڭ پىڭ، زېڭ چىڭخوڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار بار.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有