\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چوڭ قولتۇق رايونى مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 11:25

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى مەركىزى شېنجېندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

 

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى مەركىزى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شېنجېندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چوڭ قولتۇق رايونى ئاۋازى يانفون يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىمۇ ماس قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەكتەپلەرگە مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن 4K «مۇشۇ پەيتتە-يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمى»نىڭ گۇاڭدۇڭ تىلىدىكى فىلىمى ۋە DVDسىنى ھەدىيە قىلدى.

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى مەركىزىدە چوڭ قولتۇق رايونى ئاۋازى رادىيوسى قاتارلىق پىروگرامما ئىشلەش، ئاڭلىتىش ۋە يېڭى تاراتقۇ پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش قاتارلىق سۇپىلار تەسىس قىلىنغان، بۇ باش ئىستانسىمىزنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تارقىتىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر ئىزدىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارمۇ بۇ يەرگە تەڭ ماكانلاشقان، رادىيو، تېلېۋىزىيە، يېڭى تاراتقۇنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇش ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلغان.

     

中央广播电视总台 央广网 版权所有