\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مەركەز ۋىدىيوسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-21 11:08

 

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ــ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «مەركەز ۋىدىيوسى» 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «5G+4K/8K+AI» قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئاساسىدا بەرپا قىلغان ئۇنىۋېرسال ئۈن -سىن يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش» توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىستانسا باشلىقى شېن خەيشيۇڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «ئىستانسا بىلەن تورغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئالدى بىلەن تور ئاندىن ئىستانسا، يۆتكىلىشچانلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باش ئىستانسىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئۈن-سىن تاراتقۇسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «مەركەز ۋىدىيوسى»نى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بىلەن ئابۇنىتلارنى تۇتاشتۇرغۇچىغا، ئىنتېرنېت يېڭى تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسىغا، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى تارقاتقۇچىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«مەركەز ۋىدىيوسى»دا كۆپ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تېخنىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە، «مەركەز ۋىدىيوسى»دا «چوڭ ئىستانسا + كىچىك سۇپا» ئىلغار لايىھەسى قوللىنىلدى؛ شەكىل جەھەتتە، «مەركەز ۋىدىيوسى»دا قىسقا ۋىدىيو ئاساس قىلىنىپ، ئۇزۇن ۋىدىيو ۋە كۆچمە بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلدى؛ مەزمۇن جەھەتتە، «مەركەز ۋىدىيوسى» مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئۇچۇر، بىلىم قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن، ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق مەزمۇن توپلىنىدۇ، باش ئىستانسا ئۇزاقتىن بۇيان توپلىغان ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت كۈچى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىپ تەڭ قۇرۇش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىجتىمائىي بايلىق بىرىكتۈرۈلۈپ، باش ئىستانسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپىسى بىرلىكتە بەرپا قىلىنىدۇ.

 

«مەركەز ۋىدىيوسى»ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۈنى خۇاۋېي قاتارلىق ئەپ بازارلىرىغا تەڭلا كىردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مەركەز ۋىدىيوسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ــ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «مەركەز ۋىدىيوسى» 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «5G+4K/8K+AI» قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئاساسىدا بەرپا قىلغان ئۇنىۋېرسال ئۈن -سىن يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى