ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋاب خەت كەلگەن بۇ ئۈچ يىلدا

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:36

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى. مانا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى، بۇ ئۈچ يىلدا قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەندۇ؟ ئۇلارنىڭ يەنە قانداق يۈرەك سۆزلىرى باردۇ؟

 

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۋالغان بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يۇرتداشلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى داۋاملاشتۇرغان. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلار «قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندى» تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما شۇنداقلا يەنئەن، شاۋشەن قاتارلىق جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشانغان ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مارشىنى ياڭراتقان.

بۇ بىر پارچە جاۋاب خەت قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىگىلا ئەمەس بەلكى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە زور مەدەت بولغان، بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، ناھىيەنىڭ قىياپىتىدە نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان.

  

قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇماقتا

قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ دەرۋازىسى

قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ھويلىسىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ كونا تۇرالغۇسى

خاتىرە ساراي ئىچىگە تىزىلغان قۇربان تۇلۇم تاقىغان ئىزنەكلەر

1964-يىلى، قۇربان تۇلۇم بىر ئائىلىلىك خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

قۇربان تۇلۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا

باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكتى! ئىتتىپاق-ئىناقلىق گۈللىرى ھەممە يەردە ئېچىلغان، خەلق باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان گۈزەل شىنجاڭ قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىۋاتقان ھەرمىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋاب خەت كەلگەن بۇ ئۈچ يىلدا

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى.