ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭلىق دوختۇرلار ۋۇخەندە بىمارلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى مانا!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:37

 

بەلكىم تۈنۈگۈن سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزمۇ شىنجاڭلىق دوختۇرلارنىڭ چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا بىمارلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋىدېيوسى بىلەن قىزىپ كەتتىغۇ دەيمەن!

 

 

 

تىيانشان تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىمارلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن دوختۇر شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدىكى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىم باھارگۈل تولقىن بولۇپ، ئۇ بىمارلارنى يېتەكلەپ «قارا يورغا»، «مەشرەپ» ئوينىغان. باھارگۈل: بۇنداق قىلغاندا كۆڭۈلنى ئازادە تۇتقىلى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە پايدىلىق دېگەن.

ئارقىدىن «شىنجاڭدىن ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە بارغان دوختۇر» دېگەن تېما مىكرو بىلوگىدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان. 

نۇرغۇن تورداش نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ بۇ ۋىدېيونى ئىزدەپ تېپىپ كۆرگەن، شۇنداقلا «نېمە دېگەن ئوماق دوختۇر بۇ»، «ئەسلىدە شىنجاڭدىن ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار داۋالاشتىن باشقا ئۇسسۇلغىمۇ ئۇستىكەن»، «ئۇسسۇلغا چۈشكەن دوختۇر شىنجاڭلىق، بىمارلار ئۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇڭ دېيىشكەنتى، مانا راستتىنلا ئويناپتۇ!» دەپ سۆز قالدۇرغان.

تورداشلار چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدىكى بۇ كۆرۈنۈشتىن تەسىرلىنىپ، بۇنداق روھىي ھالەتتە يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قازىنالايمىز دېيىشكەن.

قېنى تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ باقايلى:

 

@ بۇ ۋىدېيونى كۆرۈپ تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، شىنجاڭ ياخشى جاي، بۇنداق ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق-يورۇق كۈچ چوقۇم ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

 

@ بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرسەملا خۇشال بولىمەن، دوختۇرلار بىمارلارغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، بۇنداق بولغاندا بىمارلارنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ، چوقۇم ساقىيىپ كېتىدۇ.

 

@ نېمە دېگەن ئوماق، بۇنداق كىيىملەر بىلەن ئۇسسۇل ئوينىماق ئاسان ئەمەس.

 

@ ياندا تۇرغان ئاپاشلارمۇ ياخشى ئۆگىنىپتۇ، كېسىلى ساقايغاندىن كىيىن بۇ ئۇسسۇلنى چوقۇم كۈندە ئوينايدۇ!

 

@ مانا شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلىقى ئېنىق بولدى!

 

يېقىندا چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا دوختۇرلار بىلەن بىمارلار تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلدى، مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىدى، بەزى بىمارلار ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي كىتاب كۆردى، توردا دەرس ئاڭلىدى. 

 

تورداشلار: 

@ يۇقۇم ئۈستۈن غەلىبە قازىنىشتا مانا مۇشۇنداق روھىي ھالەت لازىم دېيىشتى!

 

@ ئىشىنىمىز، كۆتۈرەڭگۈ روھىي-ھالەت ۋە ئۈمىدۋارلىق بولسىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قازىنىمىز!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭلىق دوختۇرلار ۋۇخەندە بىمارلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى مانا!

بەلكىم تۈنۈگۈن سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزمۇ شىنجاڭلىق دوختۇرلارنىڭ چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا بىمارلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋىدېيوسى بىلەن قىزىپ كەتتىغۇ دەيمەن!