ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر خاتىرىسى 36-قىسىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 09:17

 

 

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خۇاڭگاڭ، ھاۋا تۇتۇق


 

مەن شەندۇڭ ئۆلكىسى بىرىنچى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى لى يىڭشيا، بۈگۈن، بىز خۇبېينىڭ خۇاڭگاڭ دابيېشەن رايونلۇق داۋالاش مەركىزىدىكى ياردەم ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندۇق.
بۈگۈن، مەندە نۇرغۇن تەسىراتلار تۇغۇلدى. باشقىلارنىڭ ئۇزىتىشىنى مۆلچەرلىگەن بولساقمۇ، شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىپ، بىزنى ئۇزۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز.
ئاپتوبۇس ئاستا-ئاستا قوزغالدى، دېرىزە سىرتىدىكى قىزغىن شەھەر ئاھالىلىرىگە قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتۇق، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى، ئايرىلىشقا تۇيۇقسىز كۆزۈم قىيماي قالدى......ئەمەلىيەتتە، بىز قىلالايدىغان، ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىلدۇق، ئەمما خۇاڭگاڭ خەلقى مۇشۇنچىۋالا ئەتىۋارلىدى. بۇ كۆرۈنۈش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ۋۇخەن، ھاۋا تۇتۇلۇپ، ئارقىدىن ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغدى


 

مەن ۋۇخەن شەھەرلىك خەنكو دوختۇرخانىسى نەپەسلىنىش ئىچكى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى سۈن رۇڭ، بۈگۈن مەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن بىرىنچى سەپكە قايتقىنىمغا 36 كۈن بولدى.

-سۈن دوختۇر، سىلەرنىڭ دوختۇرلار قايتىپ كەلدىمۇ؟
-ھەممىمىز قايتىپ كەلدۇق، بۆلۈمىمىز بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىدۇ، بىز سىز دوختۇرخانىدىن چىققۇچە سىزگە ھەمراھ بولىمىز.
شۇنداق، ھەممە ئىش نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.


2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ۋۇخەن، ھاۋا تۇتۇق

 


 

مەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تۇنجى تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ما شياۋجۈن. بىلىپ بىلمەيلا ئىككى ئاي بولاي دەپ قالدى، ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن ھە.
تېخى باياتىن سائەت 11دە، ئەترىتىمىز ئەتە ۋۇخەندىن چېكىنىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. شۇ پەيتتە كاللامدا نۇرغۇن ئوي-خىياللار پەيدا بولدى، ھەم ناھايىتى ئۇنتۇلغۇسىز، ھەم ناھايىتى قىيغۇسىز. ئەترىتىمىزدىكىلەر ناھايىتى مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىچىدە خەنكو دوختۇرخانىسى دەرۋازىسى ئالدىدا ئوپچە سۈرەتكە چۈشتۇق.
ۋۇخەن مەن ئوقۇغان جاي، ئەمما كەلمىگىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغان. يەنە ئالدىراشلا قايتىدىغان بولدۇق، مېنىڭ يەنە چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى، سېرىق تۇرنا راۋىقى، ۋۇخەن داشۆسىدە ئېچىلىۋاتقان نورۇز گۈللىرىنى كۆرگۈم بار ئىدى.
ئويلاپ باقسام، گۇاڭجۇغا قايتسام، ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان قىزىمنى كۆرەلەيدىكەنمەن، مەن ئۇنى تازا بىر قۇچاقلاپ، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىمەن.

 

مەن بۈگۈن كېسەلخانىدا ياتاق تەكشۈردۈم، بۇ گۇاڭدۇڭ داۋالاش ئەترىتى بىزنىڭ نەپەسلىنىش ئىچكى بۆلۈمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مېنىڭ بۇ تونۇش كېسەلخانىغا تۇنجى قېتىم كىرىشىم. ياتاق تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىزنىڭ نەپەسلىنىش ئىچكى بۆلۈمىدە ئۇزاق داۋالانغان كېسىلى ئېغىر بىر موماي چىقىپ كەتمەكچى بولغىنىمنى كۆرۈپ مېنى چاقىردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر خاتىرىسى 36-قىسىم