ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىدېيو جايلار جېجياڭنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 15:36

 

 

 

 

3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا توختالغاندا: «ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. قانداق قىلغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بەزىلەر بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن، لېكىن باش شۇجى بۇ قېتىم خىزمەت تەكشۈرگەن جاي جېجياڭ بۇنى ياخشى قىلالىدى. يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، جېجياڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، رايونلار، دەرىجە بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ساغلاملىق كودىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ  تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك  ئالدىنى ئالدى.

بۇ بىر يۈرۈش ئۇسۇل ناھايىتى پۇختا بولۇپ، جېجياڭنىڭ ئۈنۈمى، جېجياڭنىڭ سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشلىشى سەۋەبسىز ئەمەس، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى كۈچلۈك، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى بىر قېتىمدىلا پۈتتۈرۈشتەك ئىسلاھات دەل جېجياڭدىن كەلگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭنىڭ سىفىرلىق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ساغلاملىق كودىنىڭ جېجياڭدا قوللىنىلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي  ئەمەس،  ھەر قانداق نەتىجە تاسادىپىي قولغا كەلگەن ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن تىرىشچانلىقلاردىن كەلگەن. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگەن جېجياڭغا قارايدىغان بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. «جېجياڭ»نىڭ تەلىپىگە قارايدىغان بولساق، پەقەت ئىشلەشنى خالىساقلا، چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ؛ پەقەت رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئىشلىسەكلا، ھەممە ئىش مۇقىم بولىدۇ، دېگەن بۇ قائىدىنى چۈشىنەلەيمىز.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ۋىدېيو جايلار جېجياڭنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك

    3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا توختالغاندا: «ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.