تاغ ناخشىسى ئارقىلىق يېقىن كىشىلىرىمىزگە ئېھتىرام بىلدۈرەيلى
«تاغ ناخشىسى ئارقىلىق يېقىن كىشىلىرىمىزگە ئېھتىرام بىلدۈرەيلى» ناملىق ناخشا «ليۇسەنجيې» ناملىق كىنودىن ئېلىنغان.
1961-يىلى قويۇلغان «ليۇسەنجيې» ناملىق كىنودا جەمئىي 30 نەچچە ناخشا بولۇپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ سەمىمىيلىكى، ئاقكۆڭۈللىكىگە مەدھىيە ئوقۇلغان.
ئۇنىڭدىكى ليۇ سەنجيې ئوبرازى گۇاڭشىدىكى جۇاڭزۇلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن «ناخشا پەرىسى» بولۇپ، شۇ جاينىڭ 3-مارت ناخشا بايرىمى ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بارلىققا كەلگەن.