پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان كۈتۈۋېلىندى
ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر، پەرەز قىلىپ بېقىڭلار، مەن ھازىر قەيەردە؟ مەن ھازىر بېيجىڭ يورۇقلۇق پەن-تېخنىكا سارىيىدا. 600 يىللىق تارىخقا ئىگە گۇگۇڭ سارىيىدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوردا چىرىغى ساقلانغان، رېمونت قىلىنغان توققۇز ئوردا چىرىغى تۇنجى قېتىم گۇگۇڭ سارىيىدىن ئېلىپ چىقىلدى، بۇ يەردە بىز بۇ ئوردا چىراغلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بايرىمى، يەنى تۇغۇلغان كۈن، توي-تۆكۈن، چاغاندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باش تېمىسىنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا نامايان قىلىمىز، مەن چاغان مەزگىلىدە كۆپچىلىككە بۇ ئوردا چىراغلىرىنىڭ ياسىلىش ھۈنىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن، ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.