باش بەت<<تەنتەربىيە

كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپادا يەنە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-09-26 11:46

 

 

 

ئىلچى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 5 : 1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. بۇ مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى ئايلانمىغا ئوخشاشلا ياخشى ئىپادىسى بىلەن تۆت توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى بەش مەيدان بىىرلەشمە مۇسابىقىىدە توققۇز توپ كىرگۈزدى. بۇ پورتۇگالىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇمچى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسغا كەلگەن بەش پەسىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ھەيران قالارلىق توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بىلەن بىر-بىرىدىن قالتىس نەتىجىنى ياراتتى. ھازىرغا قەدەر كىرىستىيانو رونالدو بۇ پەسىل ياۋروپادىكى سەۋىيەسى يۇقۇرى بىرلەشمىسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇمچى بولۇپ قالغان. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى دىگو كوستا بەش مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كىرگۈزگەن. فرانسىيە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىكى داڭلىق مەرگەن ئىبراھىموۋىچ بەش مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزگەن.

ئىلچى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر ئوينىغان قالپاق ئويۇنى 25 كە يەتكەن. ئىسپانىيە يەككە پەسىلدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئويناش رېكورتىنى 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلىدە بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى مېسسى ياراتقان. يەنى مېسسى شۇ پەسىلدە سەككىز قېتىم ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان. بۇ پەسىل باشلىنىپ بەش ئايلانمىدىلا كىرىستىيانو رونالدو ئىككى قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىدى. كىرىستىيانو رونالدو مۇشۇنداق تۇراقلىق بولغان ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالسا ئېھتىمال بۇ رىكورتىمۇ بۇزۇلىشى مۇمكىن. كىرىستىيانو رونالدونىڭ يەنە بىر قالتىس نەتىجىسىگە قايىل بولماي ئامال يوق. 2009-يىلى كىرىستىيانو رونالدو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بىرلەشمە مۇسابىقىدە 187 توپ كىرگۈزگەن. بۇ سان خان جەمەتى مادرىد تارىخىدا «ئۈزۈك شاھ» راھۇلنىڭ 228 توپى ۋە دىستىفانونىڭ 216 توپ سانىدىن كېيىن تۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى كىرىستىيانو رونالدوغا يەتمەيدۇ. بېرنابۇ شاھزادىسى راھۇل كىرگۈزگەن 228 توپىنى 550 مەيدان مۇسابىقىدە تاماملىغان. 16 يىل ۋاقىت كەتكەن. دىسىتىفانو بولسا 284 مەيدان مۇسابىقىدە 216 توپ كىرگۈزگەن. 11 يىل ۋاقىت كەتكەن. ئۇنداقتا كىرىستىيانو رونالدو يۇقۇرىدىكى 187 توپنى جەمىي نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن؟ 167 مەيدان مۇسابىقىدە! رونالدو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا كەلگىلى تېخى ئالتە يىل بولمىدى. رونالدونىڭ بۇنداق كۆپ توپ كىرگۈزىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇنىڭ مۇكەممەل ۋە ھەممە تەرەپتىن تۇلۇق يېتىشكەنلىكىدىن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. كاللا توپ، ئىختىيارى توپ، ئوڭ-سول پۇتىدا ھەر خىل ئۇسۇلدا توپ كىرگۈزۈش. كىرىستىيانو رونالدو ئىسپانىيەدە ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقە بولۇپ 254 مەيدان مۇسابىقىدە 264 توپ كىرگۈزۈپ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 31 قېتىم كاللا توپ كىرگۈزگەن. 24 قېتىم ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن. 49 قېتىم سول پۇتىدا ۋە 184 قېتىم ئوڭ پۇتىدا توپ كىرگۈزگەن. 49 قېتىم نوقتا توپ كىرگۈزگەن. رونالدو قاتناشقان 254 مەيدان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 188 مەيدان يەڭگەن. يېڭىش ئۈنۈمى %70.02 بولغان.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育