باش بەت<<تەنتەربىيە

مانچېستىر مەستانىلىرى رونالدونىڭ قايتىپ كېلىشىگە قارشى چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-09-26 11:49

 

 

 

ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسنىڭ توپ مەستانىلىرى پۇل خەجلەپ ئايرۇپىلانغا «كىرىستىيانو رونالدو قايتىپ كەلسۇن» دىگەن پىلاكاتنى ئاستى. بىراق بۇ دۇنيادىكى بارلىق مانچېستىر بىرلەشمىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئەمەس. بىر تۈركۈم مانچېستىر توپ مەستانىلىرى گېرمانىيەلىك مۇداپىئەچى خۇمېلېسنىڭ مانچېستىرغا كېلىپ كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يېقىندا مانچېستىر بىرلەشمە توپ مەستانىلىرى 2750 فوند سىتىرىلىڭ چىقىرىپ مەخسۇس بىر ئايرۇپىلاننىڭ سىرتقى قىسىمىغا «كىرىستىيانو رونالدو قايتىپ كەلسۇن» دېگەن پىلاكاتنى ئېسىپ رونالدونىڭ قىزىل كىيىمنى قايتا كىيىشىنى ئارزۇ قىلغان. بۇ ئايرۇپىلان مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن ۋىللارئىلار كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدان بوشلۇقىدا ئۇچىدىكەن. لېكىن خېلى كۆپ مانچېستىر بىرلەشمىسى توپ مەستانىلىرى رونالدونىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالىمايدىكەن. مانچېستىر بىرلەشمىسدە ھۇجۇمچى ئاز ئەمەس. ھازىر كوماندىغا لازىم بولىۋاتقىنى ياراملىق بىر مۇداپىئەچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىستىيانو رونالدونىڭ باھاسىمۇ تۆۋەن ئەمەس. توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىدا، مانچېستىر بىرلەشمە كولۇبى ئۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ رونالدونى سېتىۋالغاندىن ئەڭ ياخشىسى خۇمېلىستەك داڭلىق مۇداپىئەچنى سېتىۋالسا ياخشى بولىدىكەن.

روبىنسۇن ئىسىملىك بىر توپ مەستانىسى مۇنداق دېگەن: «ئەمدى بىز كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋالماسلىقىمىز مۇمكىن. پىلاكات تارتىلغان ئايرۇپىلان دورتىموند مەيدان بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. بىزگە خۇمېلس كېرەك، ھۇجۇم يېتىپ ئاشىدۇ. ھەممە مەستانىلەر رونالدونىڭ كېلىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ».


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育