باش بەت<<تەنتەربىيە

خەلقئارا مىلان يېڭى ماھىر قوشۇۋالماقچى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-09-26 17:29

 

يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن لىچسىتېنارنىڭ داۋاملىق توختاملىشىش سۆھبىتى قاتماللىققا يۈزلەندى، ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى لىچسىتېنارنى قوشۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان. ھازىر بولسا خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭمۇ لىچسىتېنارنى قوشۇۋېلىش خەۋىرى تارقالدى.

لىچسىتېنار بىلەن يۇۋېنتۇس داۋاملىق توختاملىشىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپتە مائاش توغرىسىدا زور ئىختىلاپ مەۋجۇت، لېكىن خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۇنى ئوڭۇشلۇق قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىككى مىليون 800 مىڭ ياۋرو يىللىق مائاش بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەم ئۇنى ئۈچ يىللىق توختام بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. لېكىن خەلقئارا مىلان بەرمەكچى بولغان مائاش لىچسىتېنارنىڭ ئۈچ مىليون ياۋرو يىللىق مائاش تەلىپىدىن يىراق دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلغان ھامان يۇۋېنتۇس ئاباتنى قوشۇۋېلىشى مۇمكىن، تاراتقۇلار مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: كېلەر يىلى يۇۋېنتۇسنىڭ ئاباتنى قوشۇۋېلىشىدىن زور ئۈمىد بار.

 

كېيىنكىسى
体育