باش بەت<<تەنتەربىيە

كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەسلى پىلانى ئاشىكارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-09-27 12:03

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو ئۆتكەن يىلى خان جەمەتى مادرىد كولۇبى بىلەن توختام ئىمزلايدىغان چاغدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋاستىچىسى مېندېز يېڭى توختامغا رونالدونىڭ 30 ياشقا كىرگەندە فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى موناكو كولۇبىغا يۆتكىلىش توغىرسىدىكى بەلگىلىمىنى قوشقان. بىراق موناكو كولۇبىنىڭ خوجايىنى 20 يىل ئۆي تۇتقان ئايالى بىلەن ئاجىراشقاندا نۇرغۇنلىغان مال-مۈلۈكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىغان. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى مۇيىس ئۆتكەن يىلى يازدا كىرىستىيانو رونالدونى يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان. بىراق مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشىكارلىشىچە، ئەسلى موناكو كولۇبىنىڭ خوجايىنى كىرىستىيانو رونالدوغا «پېنسىيەگە چىقىش سوممىسى» بېرىشنى ۋەدە قىلغان. كىرىستىيانو رونالدو خان جەمەتى مادرىد كولۇبى بىلەن يىللىق ئىش ھەققىگە 15 مىليون ياۋرو بېرىش توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاستىچى مېندېز بۇ توختامغا كىرىستىيانو رونالدو كېلەر يىلى 2-ئايدا موناكو كولۇبىغا بارىدۇ دىگەن يېڭى تۈرنى قوشقان. ئەمما موناكو كولۇبىنىڭ رۇسىيەلىك خۇجايىنى ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ شىۋىتسارىيە سوتى نورغۇن مال-مۈلۈكنى ئايالىغا ئايرىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانو رونالدوغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان غايەت زور «پىنسىيەگە چىقىش سوممىسى» نى بېرىشكە ئامالسىز قالغان.

ئېنگىلاند تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، كېلەر يىلى يازدا مانچېستىر بىرلەشمە كولۇبى كىرىستىيانو رونالدوغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىدىكەن.

 

كېيىنكىسى
体育