باش بەت>>تەنتەربىيە

ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-23 11:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 23-ئۆكتەبىر سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا 3-ئايلانمىسىنىڭ سەككىز مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، قىسمەن ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ نەتىجىسى كىشىنى قايىل قىلالمىدى. موناكو كوماندىسى بېنفىكا كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلىشىپ قالدى، گالاتا ساراي كوماندىسى دورتموند كوماندىسىغا 4:0 يېڭىلدى، ئاندېرلىنچ كوماندىسى ئارسېنال كوماندىسىغا 2:1 يېڭىلدى، لوۋېركۇسېن كوماندىسى زېنىت كوماندىسىنى 0:2 يەڭدى، لۇدوگورېتىس رازگراد كوماندىسى باسېل كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، ئولىمپىياكوس كوماندىسى يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، مادىرىد ماھارەت كوماندىسى مالمو كوماندىسىنى 0:5 يەڭدى، لىۋېرپول كوماندىسى خانلىق مادىرىد كوماندىسىغا 3:0 يېڭىلىپ قالدى.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر