ئاجايىپ تەنتەربىيە[16 ياشلىق قىز خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش رېپىر بولدى]
بەتنى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
تەنتەربىيە  مائارىپ   مەدەنىيەت   پەن-تېخنىكا   ئىقتىساد   خەۋەر مەركىزى
توردىكى رادىيو  غەلىتە ئىشلار   كوچا پاراڭلىرى   ئەدەبىيات   قانۇن ۋە دېلو   سۈرەت ئامبىرى
مەخسۇس سەھىپە  ۋىدېيو   فىلىملەر   تارىختىكى بۈگۈن   گۈلىستان   ماتېرىيال
  باش بەت>>تەنتەربىيە>>ئاجايىپ تەنتەربىيە         
 
16 ياشلىق قىز خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش رېپىر بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-09-27 08:49

نۇرغۇن كىشلەر پۇتبولنى ئەرلەر شۇغۇللىنىدىغان تەنتەربىيە تۈرى دەپ ئويلايدۇ، ئاياللارنىڭ پۇتبول بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. پۇتبول مەيدانىدا ئايال رېپىر كۆرۈش تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش. ئەنگلىيەلىك قىز دەيسىي 14 ياش چېغىدىلا ئەنگلىيە پۇتبول رېپىرى بولغان، ئۇ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىن كېيىن، خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ھەم خەلقئارا پۇتبۇل رېپىرىنىڭ قارا رەڭلىك كىيمىنى كىيىپ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى تارىخىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك رېپىرى بولۇپ قالغان ھەمدە جىنىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەر قىلىشىچە، سومېرسىت ۋىلايىتىدىن كەلگەن بۇ قىز كىچىكىدىنلا پۇتبولغا بەك ئامراق بولۇپ، 10ياش چېغىدىن باشلاپ ئوغۇللار بىلەن پۇتبول ئوينىغان، ئۇ قوشنىلارنىڭ نەزىرىدە ئەركەك سەدەك قىز بولۇپ، ئۇنىڭ پۇتبول ئويناش ماھارىتى كۈنسېرى ئېشىپ بىر ياش-ئۆسمۈرلەر قىزلار پۇتبول كۇلۇبىغا تاللانغان ھەم دائىم پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان.

دەيسىي پۇتبول تېپىشنىلا ياخشى كۆرۈپ قالماي، يەنە رېپىر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ ھەرخىل يوللاردا پۇتبول مۇسابىقىلىرى قائىدىلىرىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، 2009-يىلى 12-ئايدا رېپىرلارنى تەربىيلەش سىنىپىغا قاتناشقان. 15كۈنلۈك تەربىيلەش ھەم ئۆگىنىشتىن كېيىن، دەيسىي ئەنگلىيە پۇتبول جەمئىيتىنىڭ رېپىرلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئىمتىھان ئېلىش تۈرى يېزىقچە ھەم ئەمەلىيەتتىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھاندىن كېيىن ئۇ نەق مەيداندا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغان. ئاخىرىدا، ئۇ بارلىق ئىمتىھاندىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان 75نومۇرنى تولۇق ئېلىپ، ئوڭوشلۇق ھالدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن. 2010-يىلى 3-ئايدا، دەيسىي 14ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ئەنگلىيە پۇتبول جەمئىيتىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان رېپىرلىق سالاھىيتىگە ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ياش پۇتبول رېپىرى بولۇپ قالغان.


كېيىنكىسى
 مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 
 قىزىق نۇقتا
 
ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
پەن تېخنىكا
ce03efw8I8Dwg(1).gif
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
 
غەلىتە ئىشلار 
 
كوچا پاراڭلىرى 
 
ئەدەبىي ئەسەرلەر 
   
 • نىكاھ
ئېلان مۇلازىمىتى نەشر ھوقۇقى FM MW SW پېشقەدەملەر مېھنەتكەشلەر تورىمىز چاستوتىمىز ئىستانسىمىز
:ئۇيغۇرچە ئاخبارات تورلىرى        :(مۇھىم ئاخبارات تورلىرى  (خەنزۇچە      :(مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرى  (خەنزۇچە
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى | جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى | جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى | ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى | ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى | دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى | دۆلەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى
     
ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى فۇشىڭمېن تاشقى كوچىسى 2-قورۇ
تېلېفون:86097477-010  فاكس:68045504-010  پوچتا نومۇرى:100866  uy@cnr.cn:ئېلخەت
网上传播视听节目许可证号 0102002 中央人民广播电台版权所有(C) 京ICP备05065762号